ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەر ساھەگە كۆپلەپ ئاڭلىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2023.03.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
yashlarni-terbiyelesh-1.jpg مەركىزى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 11-مارت، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

11‏-12 ‏-مارت كۈنلىرى مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسى ئېچىلدى.

كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ كۇرسنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەگە مەنسۇپ بولغان خەلقئارالىق قوراللار بىلەن قۇراللاندۇرۇشقا تىرىشىش شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا تايىنىپ ۋەتەن، مىللەت دەۋاسىنىڭ ئۆنۈملۈك بولۇشىغا ھەمدەمدە بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس خانىم مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قۇراللىرىنى ياخشى ئىگىلەپ مىللىتىمىزنىڭ ئاھۇ-زارىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، دۈشمەننىڭ زالىملىقىنى دۈشمەننىڭ قانداق شەكىلدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىنى بۇغىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر زالىم دۈشمەن بولۇپلا قالماستىن بەلكىم پۈتۈن دۇنيادىكى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خەتەرلىك دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىزنىڭ بۇرچىمىز».

مەركىزى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا «Bitter Winter» خەۋەر ئورگىنىنىڭ دىرېكتورى ماركو رەسپىنتى(Marco Respinti) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 11-مارت، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
مەركىزى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا «Bitter Winter» خەۋەر ئورگىنىنىڭ دىرېكتورى ماركو رەسپىنتى(Marco Respinti) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 11-مارت، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئىككى كۈن داۋام قىلغان ئۇيغۇر ياشلارنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا، دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان «ئۆتمۈشتىكى ۋە بۈگۈنكى ئۇنتۇلغۇسىز ساۋاقلار، چاغداش ئۇيغۇر تارىخىدىكى سەل قارالغان تەرەپلەر ۋە پاجىئەلەر»، پروفېسسور فارۇق شەن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تېخىمۇ ئۆنۈملۈك كۈرەش ئۇسۇللىرى»، پروفېسسور دوكتۇر ئالائىددىن يالچىن كايا «خەلقئارادا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دىپلوماتىيەسى» دېگەن تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىدى. كۇرستا 10 ئەتراپىدا مۇتەخەسىس لېكسىيە بەردى.

بىز بۇ ياشلارنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىغا قاتناشقان بىر قىسىم ياشلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى سەردار زاغئوغلى بۇ كۇرسقا قاتنىشىپ ئەڭ پايدىلانغان تەرەپ بولسا ئۇيغۇر ياشلار بىلەن تونۇشۇش بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مەركىزى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا «Ascend Consulting» ئورگىنىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئاننې باشام(Anne Basham) سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 11-مارت، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
مەركىزى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا «Ascend Consulting» ئورگىنىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئاننې باشام(Anne Basham) سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 11-مارت، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئۇ، يەنە بۇ كۇرسقا قاتنىشىپ مۇھىم بىلىم ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن قانداق پايدىلىنىش، نىشانغا قانداق يېتىش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خەلققە قايسى شەكىلدە ئاڭلىتىش، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قانداق ئاڭلىتىش، قانداق قىلغان ۋاقىتتا دەۋانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆھبەت ۋە لېكىسىيەلەردىن ئۆنۈملۈك پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەردار زاغئوغلۇ بۇ كۇرسقا قاتناشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ كەڭ ئاڭلىتىش قارارغا كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ تۈرك ياشلارغا كەڭ تۈردە ئاڭلىتىپ، ئۇلارنى ئىمزا توپلاش دېگەندەك ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇلارنى دەۋا سېپىغا قوشۇش كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

مەركىزى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 11-مارت، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
مەركىزى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 11-مارت، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

بىز يەنە بۇ كۇرسقا قاتناشقان ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرىستېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى ئىستەمىي خانسادىق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئىستەمى خانسادىق بۇ كۇرۇستىن كۆپ پايدىلانغانلىقىنى، بۇ كۇرسقا قاتناشقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ئۆزىدىكى كەم دەپ قارالغان تەرەپلەرنى تولۇقلاش بولدى دەپ ھېساپلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىستەمى بۇ كۇرسقا قاتناشقاندىن كېيىن كۇرستا ئۆگەنگەن بىلىم چۈشەنچىلىرى بويىچە، خىتاي زۇلۇمىنى تۈركىيەدە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن بىرلىكتە، تۈرك ياشلارنى تەشكىللەپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.