ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى نورۇز مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك مەزمۇنلاردا پائالىيەتلەر ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2023.03.20
Myunxen-norus.jpg نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 19-مارت، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

گېرمانىيە، شىۋېتسارىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى نورۇز بايرىمى ھارپىسىدا ھەر خىل مەزمۇندا پائالىيەتلەر ئۆتكۈزگەن.

19-مارت گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇخې شەھىرىدە «ئېتىقاد ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان يەرمەنكە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتنى د ئۇ ق، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە كارلسرۇخې شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇخې شەھىرىدە «ئېتىقاد ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان يەرمەنكە پائالىيىتى. 2023-يىلى 19-مارت.

گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدە ياشايدىغان ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە كۆپ ساندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى قاتناشقان بۇ پائالىيەتتە ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىغان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلغان. شۇ قاتاردا ئەنۋەر ئەھمەتمۇ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ھازىرلانغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنسىزلاشتۈرۈش سىياسىتى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىڭلىغان مەسچىتلەرنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى ۋە خىتاينىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش بېسىمى ئاستىدا ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ پائالىيەتكە باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولسىمۇ، ئاساسلىق مۇھىم تېما ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن. يەرمەنكىگە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن رەسىملەر ۋە سەنئەت بويۇملىرى قويۇلۇپ، يەرلىك ئاھالىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان. بۇ يەرمەنكە پائالىيىتى 19-مارتتىن 2-ئاپرىلغا قەدەر داۋام قىلىدىكەن.

19-مارت كۈنى شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، نورۇزنى قۇتلۇقلىغان ھەمدە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك سايلىمىنى ئۆتكۈزگەن. دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سايلامدا ئۇيغۇر زىيالىسى رىزۋانئاي ئىلھام مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىگە، ھەبىبۇللا ئىزچى مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئاندىلى قاراخانلى باش مەسلىھەتچىلىككە سايلانغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن، يەنى 20-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھەبىبۇللا ئىزچى بۇ سايلام ھەققىدە بىزنى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە جىددىي مۇزاكىرىلەردە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ب د ت نىڭ باش شىتابى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە جايلاشقان بولغاچقا، شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ جەنۋەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇش ھەمدە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنىڭ ساھىپخانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشتا زور رول ئويناپ كەلگەنىدى.

19-مارت كۈنى يەنە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە نورۇزلۇق سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «تەھدىت ئاستىدىكى مەۋجۇدلىقىمىز» دېگەن تېمىدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.