بۈتىكوفېر: «ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ‹بىر كېلىشىم› دەپ تونۇمايدۇ»

0:00 / 0:00

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىرقىسىم ئەزالىرى ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى «پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتەلىشى ناتايىن» دەپ قارىماقتا.

14-يانۋار گېرمانىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىمزالانغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن پۇرسەت ياراتتى، ئەمما مەجبۇرىي ئەمگەككە سەل قارىدى» ناملىق بىر تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدا ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئوخشاش بولمىغان پارتىيە مەنسۇپلىرىنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بۇ كېلىشىم ئىمزالىنىشتىن ئىلگىرىلا «ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ كېلىشىمنى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزىمەن دىسە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىشى لازىم» دېگەن شەرتنى قويغانلىقى، بىراق بۇ شەرتكە سەل قارالغانلىقى سەۋەبلىك ياۋروپا كېڭىشى ۋە گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ھەم تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» نىڭ ئىمزالىنىش جەريانى ۋە ئومۇمىي مەزمۇنى ھەققىدە ئەتراپلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان زور ھەجىملىك بۇ ماقالىدا مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدا پىكىر ئىختىلاپلىرى، بۆلۈنۈش پەيدا قىلىشقا باشلىغانلىقى، بىر بۆلۈك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوزغاپ، پارلامېنتتا مەزكۇر كېلىشىمنىڭ قاراردىن ئۆتۈشىگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ كېلىشىم مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكىي قۇرۇلمىسىدا ئىختىلاپلار كۆرۈنەرلىك كۈچىيىشى مۇمكىن. مۇتلەق كۆپ قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىش تەشەببۇسى ئاساسىدا قوزغالغان بىرلەشمە ھەرىكەتنى قوللايدۇ. بۇ بىرلەشمە ھەرىكەتتىن ئىلگىرى پارلامېنتتىكى ھەرقايسى گورۇپپىلار ئۆز پىكىرلىرىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.»

«ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» نىڭ ئىمزالىنىشى ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بەكرەك بىئارام قىلغان. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاپ ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ماقالىدا ئىزھار قىلىنىشىچە، ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ياۋروپا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى رايىنھارد بۈتىكوفېر بۇ كېلىشىم ھەققىدە توختالغاندا «‹ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى› بىر كېلىشىم ئەمەس، ھېچ بولمىسا ياۋروپا پارلامېنتى ئۇنى بىر كېلىشىم دەپ تونۇمايدۇ،» دېگەن. ئۇ يەنە «ياۋروپا كېڭىشى بۇ كېلىشىمنىڭ پايدا-زىيانلىرى توغرىسىدا كەڭ كۆلەملىك ئاشكارە مۇنازىرە قوزغاش پۇرسەتلىرىنى تېزدىن ھازىرلىشى لازىم،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

ماقالىدە بايان قىلىشىچە، رايىنھارد بۈتىكوفېر ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا بۇ ھەقتە توختالغاندا «ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ بۇ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى مەڭگۈ تەستىقلىمايدۇ» دەپ يازغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ دەلىللەرگە، تېخىمۇ كۆپ سەپداشلارغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندە ئىمزالانغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەزكۇر كېلىشىمنىڭ جاۋاپكارلىقى گېرمانىيەنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ تەلىپىگە كۆرە، بۇ كېلىشىمدىن كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت ھېچقانداق بىر ماددىنىڭ ئورۇن ئالالماسلىقى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىنى تېخىمۇ قاتتىق نارازى قىلغان. مۇشۇنداق بىر پەيتتە، گېرمانىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاينى يەنە 500 مىليون ياۋرولۇق تەرەققىيات مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەنلىك مەسىلىسى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىپ، مېركىل ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋەتكەن. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى تاشقىي مۇناسىۋەتلەر ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ بۇ خۇسۇستا ھۆكۈمەتنى ئاشكارە ئەيىپلىگەن.

دىققەتنى بەكرەك قوزغايدىغىنى ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى «ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» گە قارشى چىقىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى سان جەھەتتىن كۆپ بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان پارتىيە-گورۇھلارغا تەۋە بولىشى ئىكەن. يالغۇز يېشىللار پارتىيەسىلا ئەمەس، خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى، كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسى، خەلق پارتىيەسى، رادىكال دېموكراتلار پارتىيەسى قاتارلىق ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئاساسلىق چوڭ پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتتىكى كۆپلىگەن ئەزالىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى بىكار قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە ئىكەن.

ماقالىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، مالىيە مىنىستېرلىقى، سودا مىنىستېرلىقى ۋە تۇپراق بىخەتەرلىكى ئورگانلىرىنىڭ بىرلىكتە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار تاۋارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى 2020-يىلى 7-دېكابىر «ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق جازا قانۇنى» نى ماقۇللىغان بولسىمۇ، ئۇنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسەتمەيۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش ئۈچۈن تەدبىر قوللانمىغانلىقى، خىتاينىڭ 40 پىرسەنت قۇياش ئېنىرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقى ۋە ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ ھېلىھەم ئۇنى ئىستىمال قىلىۋاتقانلىقى تەنقىدلىنىدۇ.

ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئامېرىكا كەبى دۆلەتلەرنىڭ ئىگە چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيو «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ئامېرىكادا ماقۇللىنىشىغا كۈچ چىقارغانغا ئوخشاش، ياۋروپادىمۇ مۇشۇنداق قانۇنلارنىڭ روياپقا چىقىشىغا ھەسسە قاتىدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.