ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايەتلىرىنى «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ ئېتىراپ قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.06.09
ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايەتلىرىنى «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ ئېتىراپ قىلغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى روبېرتا مېتسولا(Roberta Metsola) ياۋروپانىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى يىغىندا نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 9-ماي، فىرانسىيە.
AP

ياۋروپا پارلامېنتى 9-ئىيۇن كۈنى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» شەكىللەندۈرگەن جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلغان. مەزكۇر قارار ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» غا ئاساسەن زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، بۇ جىنايى زوراۋانلىقنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى داۋىد لېگا (David Lega) بۇ قارارنى ماقۇللاش مۇزاكىرىسىدە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. ھازىر مەن كۆپچىلىككە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ ئىسپاتلارغا بىلدۈرگەن ئىنكاسىنى يەتكۈزىمەن، ياۋروپا پارلامېنتى ماقۇللىماقچى بولغان بۇ قاراردا خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ خەتىرىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەلۇم بىر دۆلەت، مىللەت، ئىرق ياكى ئېتىقادچى خەلقنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوقىتىش قەستى ۋە ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولسا تەن جازاسى، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مېڭە يۇيۇش، خەلقنى ئۆز جايىدىن سۈرگۈن قىلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ياۋروپا پارلامېنتى نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى› غا ئاساسەن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ قەبىھ جىنايەتنى ئاياغلاشتۇرۇشىنى ھەمدە بۇ جىنايەتتىن ھېساب ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق قايتا يۈز بەرمەيدۇ دەپ ۋەدە بەرگەن».

«ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى جەريانىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا (سولدىن) د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى  ئادرىيان زېنز(Adrian Zenz) ۋە ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى رافائىل گلۇكسمان(Raphael Glucksmann) بىلەن. 2022-يىلى 9-ماي، فىرانسىيە.
«ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى جەريانىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا (سولدىن) د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز(Adrian Zenz) ۋە ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى رافائىل گلۇكسمان(Raphael Glucksmann) بىلەن. 2022-يىلى 9-ماي، فىرانسىيە.

ياۋروپا پارلامېنتى بۇ قارارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۇ كۈننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي بىر كۈن بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەق دەۋادا يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى رافائىل گلۇكسمان (Raphael Glucksmann)، ئەنگىن ئەرئوغلى (Engin Eroglu) قاتارلىقلارمۇ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن بىرگە بۇ قارارنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. رافائىل گلۇكسىمان خىتاينىڭ جىنايىتىگە توغرا نام بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭ پەقەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىنى بۆسۈپ ئۆتۈش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئېغىر بېسىمى ۋە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆز تور بېتىدە يارۋوپا پارلامېنتىنىڭ بۇ مۇھىم قارارى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، «بۇ قارارنىڭ ماقۇللىنىشى خىتايدىن ھېساب سوراپ، ئۇيغۇرلارغا ئادالەت ئېلىپ كېلىش يولىدىكى يەنە بىر مۇھىم قەدەم، يەنە بىر مۇھىم تارىخىي چاقىرىق» دەپ باھا بەرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىكىر بايان قىلىپ: «‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› نىڭ ئاشكارىلىنىشى، ياۋروپا پارلامېنتىنى ئويغاتتى، ئۇلار ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتى. ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك،» دېگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ياۋروپا پارلامېنتى ماقۇللىغان بۇ قارارنىڭ مەزمۇنلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە، لىتۋا، چېخ جۇمھۇرىيىتى، بېلگىيە، فرانسىيە، ئىرلاندىيەدىن قالسا ياۋروپا پارلامېنتى 10-بولۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئۇيغۇر سوتىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن بىردەك يەكۈن چىقارغان ئورۇن ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.