ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.12.07
Yaponiye-Parlamentida-Birleshme-guruppa ياپونىيە پارلامېنتىدا بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ياپونىيە پارلامېنتى بىرلەشمە پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. 2022-يىلى 5-دېكابىر.
RFA/Erkin Tarim

5-دېكابىردا ياپونىيە پارلامېنتىدا بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغول ۋەكىللەر، شۇنداقلا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ يۈزدەك ئادەم قاتناشقان. يىغىندا ياپونىيە پارلامېنتى بىرلەشمە پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ھازىرغا قەدەر ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى ئايرىم گۇرۇپپا بولۇپ ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋتقان ئىدى. تىبەتلەرگە ياردەم قىلىپ كېلىۋتقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئايرىم گۇرۇپپىسى بار ئىدى. موڭغول مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ ئايرىم گۇرۇپپىسى بار ئىدى. ھازىر بۇ گۇرۇپپىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يىغىندا ياپونىيەنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتتە خىزمەت ئۆتەۋاتقان سانائەت مىنىستىرىمۇ سۆز قىلدى».

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ياپونىيە پارلامېنتىدا يېڭى قۇرۇلغان بىرلەشمە گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە نىشانى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم قۇرۇلغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرلەشمە دوستلۇق گۇرۇپپىسى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغولىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان 3 دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆلەملەشكەن سىستېمىلاشقان بىر بىرلەشمە گەۋدە قۇرۇپ، جانلىق بىر رەۋىشتە بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 5-دېكابىر، ياپونىيە.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 5-دېكابىر، ياپونىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى ياپونىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق بىرلەشمە بولغانلىقى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان ب پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ىرلەشمە دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ بىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىككى مۇھىم تەرىپى بار. بۇنىڭ بىرسى، بۇ گۇرۇپپىغا ئەزا بولغۇچىلار ئوخشىمايدىغان پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان. دېمەك، بۇ كۆپ پارتىيەلىك تەشكىلات بولۇپ قۇرۇلدى. ئىككىنچىسى، مەزكۇر بىرلەشمە گۇرۇپپىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى فۇريا ئەپەندى سايلاندى. ئىشخانا مۇدىرلىقىغا ئەسلىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشخانا باشلىقى سايلاندى. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىرلەشمە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق بىر گۇرۇپپا بولدى دەپ قارايمىز.»

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى قىسقا ۋاقىتلىق ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت يەنە پارلامېنتتا دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيەدىن كۈتكەن تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، تەلەپلىرىگە ئىجابىي جاۋاب ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2022-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق قارار، 5-دېكابىر كۈنى ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىدىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئىدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرھال بايانات بېرىپ، بۇنى «خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقتۇر» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.