ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى مالتانىڭ بىر جۈپ ئۇيغۇر ئەر-ئايالنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى توختىتىپ قويدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.01.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى مالتانىڭ بىر جۈپ ئۇيغۇر ئەر-ئايالنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى توختىتىپ قويدى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى مالتادا پاناھلىنىپ كېلىۋاتقان بىر جۈپ ئۇيغۇر ئەر-ئايالنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇش قارارىنى توختىتىپ قويغان. 2023-يىلى 16-يانۋار.
ECHR

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى 16-يانۋار كۈنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مالتا كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى مالتادا پاناھلىنىپ كېلىۋاتقان بىر جۈپ ئۇيغۇر ئەر-ئايالنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇش قارارىنى توختىتىپ قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئىسىم-شەرىپى ئاشكارلانمىغان بۇ ئەر-ئايال، مالتانىڭ «سافى باراك» كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلىپ، «پات ئارىدا خىتايغا يولغا سېلىنىش» تەك ھالقىلىق بىر پەيتتە، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلغان.

بۇ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرگە چىقارغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تۇنجى قارارى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ تۇنجى قېتىم بىر جۈپ ئەر-ئايال «پات ئارىدا» خىتايغا يولغا سېلىنىشتەك ھالقىلىق پەيتتە خىتايغا قايتۇرۇشنى توسۇپ قېلىشىدۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، مالتا كۆچمەنلەر ئەرزىيەت كومىتېتى 12-يانۋار كۈنى «سافى باراك» كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇتۇش ئورنىغا قاماقلىق يوقۇرىقى بىر جۈپ ئۇيغۇر ئەر-ئايالغا ئۇلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قوغدىنىش ئىلتىماسى رەت قىلىنغانلىقىغا دائىر ئاخىرىقى قارارىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ «پات ئارىدا» خىتايغا يولغا سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ ھالقىلىق ئاخىرىقى مىنۇتتا، مالتادىكى «ئادىتۇس فوندى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىلەن ئىسپانىيەدىكى «قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتى ئۇلارنىڭ دېلوسىغا ئارىلاشقان.

«قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككى تەشكىلات 13-يانۋار كۈنى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىگە جىددىي ئەرز سۇنۇپ، سوت مەھكىمىسىدىن 39-ماددىغا ئاساسەن مالتانىڭ قارارىغا قارشى ۋاقىتلىق جىددىي ئېھتىيات تەدبىرى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى 16-يانۋار دەرھال قارار چىقىرىپ، مالتاغا ئۇيغۇر ئەر-ئايالنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشنى توختىتىش بۇيرۇقى بەرگەن.

«قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت دېرىكتورى لاۋرا خارت 18-يانۋار رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىخەتەرلىك تۈپەيلى ئۇلار ھەققىدە كۆپ ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، لېكىن ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنىڭ پەقەت بىر ۋاقىتلىق تەدبىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

لاۋرا خارت مۇنداق دېدى: «بىزگە شۇ ئېنىق بولۇشى كېرەك، بۇ پەقەت بىر ۋاقىتلىق بىر تەدبىر، بۇ ھۆكۈم ئەمەس. بۇ پەقەت ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىنىڭ مالتاغا بەرگەن بۇ ئەر-ئايالنى قايتۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى. شۇڭا ئۇلار سوتنىڭ قارارىدىن كېيىن، تۆنۈگۈن (يەنى 17-يانۋار) تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلدى. نۆۋەتتە بىز ئادۋوكاتلار بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىنىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز. بەلكىم، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىغا تولۇق ئىلتىماستا بولۇشىمىزمۇ مۇمكىن. لېكىن بۇ بىر ئېھتىماللىق، بىز بۇنىمۇ مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز. شۇڭا بۇ بىر ھۆكۈم ئەمەس، بۇ پەقەت چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق تەدبىردۇر.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىشى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ، ئۇيغۇر ئائىلىرىنى پارچىلاشقا باشلىشىدىن بىر يىل ئاۋۋال، يەنى 2016-يىلى مالتاغا كەلگەن ئىكەن. ئۇلار مالتادا 2017-يىلى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق يوشۇرۇن ياشاپ كەلگەن. پەقەت مالتا كۆچمەنلەر كومىتېتى 2022-يىلى 1-ئاۋغۇست كۈنى ئۇلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغان.

«قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار قايتۇرۇشقا بولماسلىق پرىنسىپىغا ئاساسەن مالتا دائىرىلىرىغا قايتا ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن مالتا كۆچمەنلەر كومىتېتى بۇ يىل 12-يانۋار ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش توغرىسىدا ئاخىرىقى قارار چىقارغان ئىكەن.

لاۋرا خارتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال مالتاغا 2016-يىلى كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ دېلودىن ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا، يەنى مالتا كۆچمەنلەر كپومىتېتى ئۇلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن خەۋەر تاپقان. لاۋرا خارت مۇنداق دېدى: «بىز بۇ دېلودىن ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا خەۋەر تاپتۇق. يەنى مالتا دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلغاندىن كېيىن خەۋىرىمىز بولدى. لېكىن بىز بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنى قوغداش نۇقتىسىدىن تور بېتىمىزدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتىمىزنىڭ سىرتىدا كۆپ نەرسە سۆزلەپ بېرەلمەيمىز.»

نۆۋەتتە «قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتى بىلەن «ئادىتۇس فوندى»، مالتا كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار «قايتۇرماسلىق پرنىسىپىغا چۈشىدىغان يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىيەلمىدى» دېگەننى باھانە قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار تەمىنلىگەن قوشۇمچە ھۆججەتلەرنى دىققەتكە ئالمىدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

مالتا «ئادىتۇس فوندى» جەمئىيىتىنىڭ دېرىكتورى نېئىل فالزون 19-يانۋار رادىيومىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا، مالتا دائىرىلىرىنىڭ باھانىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مالتانىڭ پاناھلىق تەرتىپى بۇ ئەر-ئايالنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغانلىقى راسىت، شۇنداقلا ئۇنىڭ پاناھلىق تەرتىپنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىمۇ راست. ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىنىڭ يېقىندا باڭلاداشلىق بىر ژۇرنالىستقا ئالاقىدار قارارىدا، مالتانىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدا بىر قاتار مەسىلە بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ مەسىلە، شۇنداقلا خەلقئارانىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، مالتانىڭ بۇ كىشىلەرنى قوغداشتا قولىدىن كېلىدىغان ھەممە ئىشنى قىلغانلىقىنى تەكىتلىشى، پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.»

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مالتا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كۆچمەنلەر كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارغا خەت يېزىپ ۋە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىنىڭ قارارىغا بولغان ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كۆچمەنلەر كومىتېتىدىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى. پەقەت ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دېرىكتىرى مايكېل كامىللېرلا تېلېفونىمىزنى ئالدى. مايكېل كامىللېر سۇئالىمىزغا تېلېفوندا جاۋاپ بەرمەيدىغانلىقى، سۇئاللىرىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتسەك ئەھۋالنى ئىگىللەپ ئاندىن جاۋاپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەرغا جاۋاب بەرمىدى.

لېكىن «مالتا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 19-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، مالتا ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىنىڭ ۋاقىتلىق تەدبىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىچكىي ئىشلا رمىنىستىرلىقى بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەرتىپلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ قوغداشقا ئېھتىجاجلىق ئەمەس، دەپ قارالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ ھەر بىر «ناتوغرا بايانالىرى» غا جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ قانداق «ناتوغرا بايانلار» دا بولغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

لېكىن «قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ 16-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىشىچە، بۇ ئەر-ئايال مالتا دائىرىلىرىنى خىتاينىڭ ئۇلارغا شىنجاڭدىكى ئائىلە ئەزالىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئارقىلىق چېگرا ھالقىپ زىيانكەشلىك قىلغانلىقىغا ئائىت ئېنىق دەلىللەر، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ 2022-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتى، شۇنداقلا بەزى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ جىددىىي دوكلات ۋە قارارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشۇمچە ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما دىققەتكە ئالمىغان.

لاۋرا خارت مۇنداق دېدى: «كۆچمەنلەر كومىتېتىنىڭ بۇرۇنقى، بولۇپمۇ ئاخىرىقى قىسقىغىنە تۆت بەتلىك قارارى بەك ئەخمىقانە قارار بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال تەمىنلىگەن قوشۇمچە ھۆججەتلەر دىققەتكە ئېلىنمايلا قالماي، خىتايدا ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدەك ئومۇمى ۋەزىيەتمۇ دىققەتكە ئېلىنمىغان. مەن سىزگە شۇنى ئېيتالايمەنكى، بىز ۋە ئادۋوكاتلار بىرلىشىپ كۆچمەنلەر كومىتېتىنى يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىدۇق».

لېكىن مالتا ئىچكىي ئىشلا رمىنىستىرلىقى «مالتا ۋاقتى» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا: «چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش كۆچمەنلىك ۋە پاناھلىنىش سىياسىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ بەزىلەرنىڭ بۇ خىزمەتكە توسقۇنلۇق قىلىش تىرىشچانلىقى ئاممىنىڭ بۇ خىل سىستېمىغا بولغان سەمىمىيىتى ۋە ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلىتىپ، قوغداشقا ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغان كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزدى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.