ياۋروپادا «10-دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» بىلەن «9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» بىرلىكتە خاتىرىلەندى
2024.12.12
ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىرقىسىم دۆلەتلەردە بۇ يىللىق «10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئالدى-كەينىدە «9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» مۇ بىرلىكتە خاتىرىلەندى.
سىتوكھولمدىكى «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 8-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز، ئۇنتۇلدۇرمايمىز!» دېگەن شوئار ئاستىدا نامايىش ئېلىپ بارغان. ئۇلار 9-10-دېكابىر كۈنلىرىمۇ سىتوكھولمدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش يولىدا يەنە بەزى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان.
ئوسلودىكى «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى خەلچەم مەمتىمىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 9-دېكابىر كۈنى نورۋېگىيەدىكى 10 دىن ئارتۇق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان مەشئەل يۈرۈشى بولۇپ ئۆتكەن. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىپ، «9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» نى خاتىرىلىگەن. ئۇيغۇر قىزى پەزىلەت ياقۇپ پائالىيەت ئەسناسىدا شەرقىي تۈركىستاندا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن.
«10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 10-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھې شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنىڭ كۆلىمى زور بولغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق 15 خەلقئارالىق تەشكىلات بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنىڭ پاجىئەسى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەن. ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن ھەر ساھە كىشىلەر تۈرلۈك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەكىتلەشكەن.
«كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەركىزى» نىڭ رەھبىرى ئاركانجېلا رانىرى (ئاركاڭەلا رانىئەرى) خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى 10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە بىز يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك ۋەزىيەتلەردىنمۇ ۋاقىپ بولدۇق. مەسىلەن: مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش، ئائىلىسىدىن ۋە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىۋېتىلىش، جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراش، خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي تويلىشىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش قاتارلىقلار. خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل چەكتىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ئازابلىرىغا خاتىمە بېرىدىغان ۋاقىت ئاللىقاچان كەلدى».