ياۋروپادىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى بىرلىشىپ «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» قۇرغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.08.12
yawropa-uyghur-ansambil-ezaliri.jpg شىۋېتسىيەدە تىزىمغا ئېلىنىپ قۇرۇلغان «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى. 2019-يىلى ئاۋغۇست.
Mezkur ansambil ezaliridin Yashar Hemdulla ependi teminligen

فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئورۇنلانغان بىر قىسىم ناخشا-مۇزىكىلار، ھەتتا ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدىكى سىنئالغۇ فىلىملىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە.

ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر چالغۇلىرىدىن دۇتار، تەمبۈر، راۋاب، غېجەك، داپ قاتارلىق بىر يۈرۈش چالغۇلار ئارقىلىق ئورۇندالغان ئۇيغۇر 12 مۇقامىدىن چەبىيات مۇقامىنىڭ تەئەززە مەرغۇلى يېقىندا فېيسبۇكتا تارقىلىپ دىققەت قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇزىكىنى ئورۇندىغۇچىلار 2019-يىل 7-ئاينىڭ 9-كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇلغان «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئۇيۇشقان 16 نەپەر ئەزاسى ئىكەن.

مەزكۇر ئۆمەك ئەزالىرىدىن نورۋېگىيەدىكى ياشار ھەمدۇل ئەپەندى ۋە بېلگىيەدىكى ئەزھەر ئەنۋەر ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆمەكنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى، بىر يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان قۇرۇلۇش تارىخى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نى قۇرۇش تەييارلىق خىزمەتلىرى 2018-يىلىنىڭ بېشىدا باشلانغان ئىكەن. بىر يىلدىن ئارتۇق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ياۋروپادىكى شىۋېتسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ئۆزلۈكىدىن ئۇيۇشۇپ دەسلەپكى قەدەمدە 16 كىشىدىن تەركىب تاپقان بۇ ئۆمەكنى قۇرۇپ چىققان.

نورۋېگىيەدىكى ياشار ھەمدۇل ئەپەندى 2018-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە نورۋېگىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىش ۋە ئۇندىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇلار بىر يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىرىنى دۇتار، غېجەك، راۋاب، داپ قاتارلىق ئۇيغۇر چالغۇلىرى بىلەن سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداش مەشىقىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۆمەك ئەزالىرى نۆۋەتتە 30 دىن ئارتۇق ناخشا-مۇزىكىنى بىمالال ئورۇنداپ، رەسمىي سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزەلەيدىغان سەۋىيەنى ھازىرلىغان ئىكەن.

«ياۋروپا مۇقام ئانسامبىلى» نى قۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيۇشقان بۇ سەنئەتكارلار بىر يىلدىن بۇيان ياۋروپادىكى نورۋېگىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىرقانچە قېتىملىق سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا ئۇلار شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن. ئۇلار بۇ جەرياندا «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسانبىلى» نىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى قۇرۇلۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملاپ، بۇ يىل 9-ئايدا تۇنجى قېتىملىق مەيدان كونسېرتلىرىنى بېلگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە قويۇشنى بېكىتكەن.

بېلگىيەدىكى تۇنجى قېتىملىق كونسېرتنى ئورۇنلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان ئەزھەر ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى» نامىدا سەنئەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئورۇن ئېلىپ بولغان. نۆۋەتتە بېلەت سېتىش ئىشلىرى ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان ئىكەن.

ئەزھەر ئەنۋەر ئەپەندى يەنە تۇنجى قېتىملىق كونسېرتنىڭ بېلگىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىكى سەۋەب ۋە ئانسامبىلنىڭ بۇ خىل سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇ ياۋروپا پارلامېنتى جايلاشقان بىريۇسسېلنىڭ ياۋروپانىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتى ئارقىلىق ياۋروپادا تېخىمۇ تونۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا بېلگىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىش جەھەتتىن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇشتەك ئالاھىدىكى سەۋەبىدىن ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇشنى ئويلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتىكەن. بولۇپمۇ خەلق ئارىسىدا تونۇلغان بىر قىسىم سەنئەتكارلارنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۈرمىلەرگە ۋە لاگېرلارغا قامىلىشى بىلەن ئۇيغۇر سەنئىتى كىرىزسكە دۇچ كەلگەن. بۇنداق ئەھۋالدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئەللەردىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا بەل باغلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2000-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەنگىلىيەدە «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى» قۇرۇلغان ئىدى. بۇ يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋسترالىيەدە «ئاۋسترالىيە مۇقام ئانسامبىلى» قۇرۇلدى. يېقىندا قۇرۇلغان «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» بولسا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۈچىنچى سەنئەت ئانسامبىلى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.