«ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» پەيدا قىلغان دەسلەپكى سۈركۈلۈش

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-01-12
Share
«ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» پەيدا قىلغان دەسلەپكى سۈركۈلۈش خۇاۋېي ئىشلەپ چىقارغان ئەقلىيفون بىلەن 5گ لوگوسى كومپيۇتېر ئاساسىي تاختىسىدا. 2020-يىلى 29-يانۋار.
REUTERS

ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ئىككى ھەپتە ئۆتمەيلا ئىچكىي سۈركۈلۈشلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.

2013-يىلىدىن بۇيان تالاش-تارتىش قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان، گېرمانىيە، فرانسىيە پارلامېنتلىرىدا «ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرى تاقالمىغىچە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئەمەلدىن قالمىغىچە ئىمزالاشقا بولمايدۇ» دەپ قارىلىپ كەلگەن «ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» 2020-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىمزالانغان ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ ماقۇللۇقى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئورتاق تەستىقى بولماي تۇرۇپ كۈچكە ئىگە بولالمايدىغان مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ جىددىي تەنقىدلىرىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەر ياۋروپا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئادىل سودا رىقابىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم مۇبادا تەستىقتىن ئۆتكەن تەقدىردە ئۇنىڭ 2022-يىلىغا بارغاندىلا ئاندىن يولغا قويۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى، بىراق ئۇ چاغقىچە كۆپلىگەن ئىچكىي ئىختىلاپلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى، بۇ كېلىشىمنىڭ خىتاي ئېيىتقاندەك ئۇ قەدەر ئالدىراپ خۇشال بولۇپ كېتىدىغان بىر كېلىشىم ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

11-يانۋار كۈنى گېرمانىيەنىڭ RTL تېلېۋىزىيە قانىلى گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن مەلۇماتى ئاساسىدا «خىتاي خۇاۋېينى چەكلىگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى جازالاشقا ئۇرۇنماقتا» ناملىق بىر خەۋەر تارقاتتى. خەۋەردە 2020-يىلى 30-دېكابىر «ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ ئارىدىن تېخى ئىككى ھەپتە ئۆتمەيلا بۇ كېلىشىمگە دەز كەتكەنلىكى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سۈركۈلۈشنىڭ باشلانغانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 5G تور ئېقىمىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىن بازار تېپىشىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب خۇاۋېينىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ جاسۇسلۇق ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغانلىقى بولغان. ئەمما 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىسىدا «مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» نىڭ لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنغاندا، خىتاي تەرەپ بۇ لايىھەگە خۇاۋېينى رەت قىلغان دۆلەتلەرگە قارشى بىر ماددىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ تەلەپنى دەرھال رەت قىلغان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، «11-يانۋار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان سۈركۈلۈشنىڭ ئاساسلىق قىسمى، خىتاي تەرەپ بۇ لايىھىگە ‹ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي تېلېگراف سىستېمىسىنى قانۇنىي ياكى سىياسىي جەھەتتىن چەكلىشى ياكى قەستەن كەمسىتىشىگە قارشى تۇرۇش› دەيدىغان بىر ماددىنى قوشۇپ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئۇرۇنغان، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بۇنى رەت قىلغان.»

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى، خوڭكوڭدىكى زوراۋانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇشى ھەمدە جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن ماجرالىرى ۋە كورونا ۋاباسى سەۋەبلىك خەلقئارادىكى ئوبرازى ئېغىر دەرىجىدە سۇنغان بىر مەزگىلدە ئىمزالانغان. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشىغا قارشى پائالىيەتلەرنى جىددىي قانات يايدۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.

گەرچە «ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» ئىمزالانغان بولسىمۇ، بۇ كېلىشىمنىڭ كۆپلىگەن قانۇنىي ماددىلىرى ئۈستىدىكى مۇزاكىرىلەر تېخى ئۇزۇن داۋام قىلىدىكەن. بۇ لايىھە پۈتكەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئاندىن ياۋروپا پارلامېنتى قوبۇل قىلىشى لازىم ئىكەن. ئەمما بۇ كېلىشىم قوبۇل قىلىنىپ يولغا قويۇلغان تەقدىردىمۇ خىتاينىڭ ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشى يەنىلا شۈبھىلىك بىر مەسىلە بولۇپ قالىدىكەن.

خىتاينىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كېلىشىملەر ئارقىلىق كېلىچەكتىكى تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ھاجىم، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ كېلىشىم ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

«ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» ئىمزالانغاندا گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئانجېلا مېركىل ۋە ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ: «جازا لاگېرلىرىنى تاقاش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» تەشەببۇسىدا بولغانلىقى بەزى خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۇيدى يەنسېن خانىم ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كېلىشىمگە كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت ھېچقانداق بىر ماددىنىڭ كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادە قىلغان. 11-يانۋار ئۇ RTL قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ كۈنى خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىش ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ بۇ كېلىشىم لايىھەسىگە بۇنداق بىر ماددىنى تاڭغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ ئەجەپلىنىش ھېس قىلمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «مېنى ئەجەپلەندۈرگىنى، گېرمانىيە رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمگە كىشىلىك ھوقۇققا دائىر بىر ماددىنى كىرگۈزۈپ، ئۇنى كېلىشىمنىڭ ئاساسى قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق بىر دەلىلنىڭ ھازىرغا قەدەر تېپىلماسلىقىدۇر.»

گۇيدى يەنسېن خانىم سۆزىدە يەنە بۇ كېلىشىم توغرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم ئامېرىكا پىرىزدېنتى بايدېن بىلەن ھەمكارلىشىپ، كېلىشىمنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى غەرب قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن رەۋىشتە روياپقا چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت