ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى بۇزۇشقا ھازىرلانغان

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021.01.31
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى بۇزۇشقا ھازىرلانغان ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا سودا كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىرېلاندىيە ۋەكىلى بارري ئاندرېۋس.
Social Media

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبلىك يېقىندا ھازىرلانغان ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى بۇزۇشقا تەرەددۇت قىلغان.

ئىرېلاندىيەدىن چىقىدىغان «مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى مەزكۇر كېلىشىمنى خىتايدا خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان شارائىتتا ئالدىراپ-تېنەپ تۈزۈلگەن كېلىشىم، دەپ قارايدىكەن.

ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى 2020-يىلى دېكابىردا تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كېلىشىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

«يېڭى ياۋروپا» تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر پارچە مۇلاھىزىدە، كېلىشىمنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئورۇن بەرمىگەنلىكى، بۇنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن بىر بالايىئاپەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا سودا كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىرېلاندىيە ۋەكىلى بارري ئاندرېۋس خىتاي بىلەن بولغان مەسىلىلەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ ئىرېلاندىيە «مۇستەقىللىق» گېزىتىگە مۇنداق دېگەن: «پارلامېنت ئىچىدىكى بۇ كېلىشىمگە قارشى ئۆكتىچىلەر كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇ، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.