25-سېنتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە غەرب ئەللىرى خىتاينى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر رايونىنى تەكشۈرۈشكە ئېچىشقا چاقىردى.
گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا زور تۈركۈمدىكى «سىياسىي قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى»، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش سېستىمىسى مەۋجۇتلۇقى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ سىستېمىلىق چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كانادانىڭ باش ئەلچىسى لېسلېي نورتون بۇ رايوندىكى «كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش، نازارەت قىلىش، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق سىياسەتلەر» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى جون فىشېر 300 دىن ئارتۇق پائالىيەتچىگە ۋاكالىتەن مۇنبەردە مۇنداق دېدى: «ھېچقانداق بىر دۆلەت قانۇندىن ئۈستۈن بولماسلىقى كېرەك، ئەمدى خىتايغا نۆۋەت كەلدى.»
يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىت، ئۇيغۇر خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كېڭەشتىن ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىغا ب د ت تەكشۈرگۈچىسى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئائىلەمدىكىلەر خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىندى. ئاكام قۇل ئىشچىسى سۈپىتىدە تېلېفون زەرەتلىگۈچلىرىنى قۇراشتۇرۇشقا مەجبۇرلاندى. بەلكى قولۇڭلاردىكى زەرەتلىگۈچلەر ئارىسىدا ئۇ ياسىغان زەرەتلىگۈچ بولۇشى مۇمكىن.»
خىتاي دىپلوماتى غەرب ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاگاھلادۇرۇشلىرىنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئالدىنقى ھەپتە ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.