لوندوندىكى يەھۇدىي جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يىغىن چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-05-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
لوندوندىكى يەھۇدىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «رەنې كاسسىن» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى چاقىرغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 9-ماي.
لوندوندىكى يەھۇدىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «رەنې كاسسىن» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى چاقىرغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 9-ماي.
RFA/Erkin Tarim

9-ئاپرېل كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى يەھۇدىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «رەنې كاسسىن» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ زالىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە دۆلەت ئەربابلىرى، ژۇرنالىستلار، يازغۇچىلار، ئوخشىمىغان دىن ۋە مىللەتلەردىن كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان. يىغىندا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى پروفېسسورى راچېل خارىس خانىم بىلەن لوندوندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى رەھىمە ماخمۇت خانىم سۆزلىگەن.

بىز مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان «جېۋىش نېۋس»، يەنى «يەھۇدىي خەۋەرلىرى» بلوگىنىڭ يازغۇچىسى ئامي ۋولفسون خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇلتۇر يازدا ئەدرىئان زېنز ئەپەندىنىڭ لوندوندا بەرگەن بىر دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن بىئارام بولغان ئىدىم. چۈنكى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىزنىڭمۇ نۇرغۇن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى لاگېرلارغا سولىغان. بىز بۇنى قايتا يۈز بەرمىسە دەپ ئويلىغان ئىدۇق. ئەمما دۇنيادا قىرغىنچىلىقلار يەنە بولۇپ تۇردى. ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ئاڭلىسا كىشىنىڭ يۈرىكىنى پارە-پارە قىلىدۇ. مەشھۇر يەھۇدىي مۇتەپەككۇر راباي تاسون مۇنداق دېگەن: ‹بىر ۋەزىپىنى باشتىن ئاخىر ئۆزۈڭ ئورۇندىشىڭ شەرت ئەمەس، ئەمما بىر ۋەزىپىدە ئۆزۈڭنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، ئۇمۇ سېنىڭ ئەركىنلىكىڭ ئەمەس. بىز يەھۇدىي مىللىتى، بىز ئۇيغۇرلاردىن يىراقتا دەپ بۇ ۋەزىپىدىن قاچساق بولمايدۇ. ھەممىمىز ئىنسان بولغاچقا قولىمىزدىن كەلگەن بىر ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك. مانا مۇشۇ ئوي-پىكىر مېنىڭ مۇشۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشىمغا تۈرتكە بولدى. پائالىيەتكە 60 ئەتراپىدا سەرخىل قاتناشتى، بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇھىم تەكلىپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى».

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى رەھىمە ماخمۇت خانىم، يىغىندا ئۆزىنىڭمۇ سۆزلىگەنلىكىنى، سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋە جازا لاگېرلىرىدىن چىققان كىشىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلاردا كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

رەھىمە ماخمۇت خانىم يېقىندا بىر تېلېۋىزىيە مۇخبىرىغا تەرجىمان بولۇپ ئىستانبۇلغا كېلىپ، جازا لاگېرىدا يېتىپ چىققان بەزى كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان. ئۇ، لوندوندىكى يىغىندا بۇنىمۇ تەسىرلىك قىلىپ سۆزلىگەن.

يىغىندا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى پروفېسسورى راچېل خارىس خانىممۇ سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ، سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى يوق قىلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتقان.

يىغىن ئاخىرىدا يىغىنغا كەلگەن كىشىلەر يىغىندا سۆزلىگەنلەرگە مۇھىم سوئاللارنى سورىغان، رەھىمە ماخمۇت خانىم بۇ ھەقتە توختالدى.

ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس رامزان ئېيى داۋاملاشماقتا. غەيرىي مۇسۇلمان خەلقلەر ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بولۇۋاتقان، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇۋالىدۇ؟ لوندوندا يەھۇدىي تەشكىلاتى ئۆتكۈزگەن پائالىيەتكىمۇ ئىشتىراك قىلغان، لوندون ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى كېرەم زاھىر غارىم ئەپەندى بۇنىڭ 2 سەۋەبى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىندىن بۇيان ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەنگلىيە سىياسىتىدە ئورۇن ئالىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت