44 يىللىق تۈركىيە ۋەتەندىشى يەھيا قۇربان ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ ئانا يۇرتى قاغىلىققا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى ھەققىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ، ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى پەرزەنتلىرىمۇ ئۇچۇر ئالالماي كېلىۋاتقان ئىدى. روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا پەرزەنتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋىدېيولۇق سۆھبەتتە ئۇ قىزىنىڭ قىستاپ سورىشى نەتىجىسىدە، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە «ئەركىن» ئىكەنلىكى، «تەربىيەلەش» تىن 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ ئىككى يىل لاگېردا ياتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
44 يىللىق تۈركىيە ۋەتەندىشى يەھيا قۇربان ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى يىلغا قەدەر ئۇلارنىڭ قاغىلىققا ئەكىتىلگەنلىكىدىن باشقا ھىېچقانداق ئۇچۇر بولمىغان. تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ يەھيا قۇربان ۋە ئايالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. ئۇلار2019-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى پەرزەنتلىرى بىلەن ئارىلاپ ئىككى-ئۈچ مىنۇتچە تېلېفوندا سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ سۆھبەتتە ئۆزلىرىنىڭ ساق-سالامەتلىكىدىن باشقا ئۇچۇر بېرەلمىگەن.
بۇ يىل روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋىدېيولۇق سۆھبەتتە، يەھيا قۇرباننىڭ چوڭ قىزى خانقىز قۇربان دادىسىنىڭ جازامۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ياكى ئۆتىمەيۋاتقانلىقىنى، يەنى كېسىلگەن ياكى كېسىلمىگەنلىكىنى قىستاپ سورىشى نەتىجىسىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ جازا ئۆتىمەيۋاتقانلىقى ۋە «ئەركىن» ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ كۆرۈشۈشتە قىزىغا ئۆزىنىڭ «تەربىيەلەش» تىن ئالىقاچان چىقىپ بولغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئارىلىقتا ئىككى يىل لاگېردا ياتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئۆزىنىڭ 2019-يىلى 10-ئايدا لاگېردىن چىقىپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان يەھيا قۇربان، قىزىنىڭ ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن، يەنى قانداق بىر خاتالىق بىلەن لاگېردا ياتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاپ بېرەلمىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى لاگېر تۇتقۇنى باشلانغاندا، خانقىز قۇربان ئاتا-ئانىسىنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما يەھيا قۇربان ئۆزىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىگە خەۋپ يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پەرزەنتلىرىنى خاتىرجەم قىلغان.
يەھيا قۇربان ئۆزىنىڭ لاگېردىن چىقىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈندۇر، يەنىلا چەكلىمە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنىڭ، دۆلىتى تۈركىيەگىلا ئەمەس، ھەتتا ئۈرۈچىگە بېرىشقىمۇ رۇخسەت ئالالمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن.
خانقىز قۇربان ۋىدېيو سۆھبىتى داۋامىدا ئاتا-ئانىسىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان كۆك كىيىملىك ئىككى خادىمنىمۇ كۆرۈپ قالغان.
يەھيا قۇرباننىڭ سۆھبەتتىكى بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار لاگېردىن چىقىپ بولغان، «قارلىق» نامىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر قوروسىدا ئولتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا نازارەت ۋە چەكلىمىلەردىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان.
ئۆتكەن يىلى مەكىت ناھىيەسىدە لاگېردىن چىققانلار ئۈچۈن قۇرۇلغان «14-ئاھالىلەر كومېتىتى» نامىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر لاگېرىنىڭ بارلىقى، بۇ لاگېردا مەخسۇس «تەربىيەلەش» تىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئىختىيارى كۆرۈشۈش ۋە جەمئىيەتكە ئارىلىشىش ھوقۇقى چەكلەنگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
يەھيا قۇربان ۋە ئايالى تۇرۇۋاتقان «قارلىق» قوروسۇنىڭمۇ ئەنە شۇنداق مەخسۇس لاگېردىن چىققانلار ئۈچۈن قۇرۇلغان ئائىلىلىكلەر لاگېرى بولۇشى ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.