ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى» جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ 2019-يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020.02.04
SHT-Yengi-Nesil-Herikiti-2020-02.jpg ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نىڭ 2019-يىللىق خىزمەت دوكلاتى يىغىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 1-فېۋرال. ئىستانبۇل تۈركىيە.
RFA/Arslan

2-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان، ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەشكىلاتى 2019-يىللىق خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىنغا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئىتى ۋە ئەزالىرىدىن بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق ياش قاتناشتى. يىغىندا ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى» نىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ئېچىلىش سۆزى سۆزلەپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. 

مەزكۇر جەمئىيەت تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى، يەنى يېڭى ئەۋلادلارنى ئۇيۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى جەمئىيەتتۇر. 

دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان «شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى» جەمئىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەشكىلات بىر قانچە بۆلۈم بويىچە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەشۋىقات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە بۆلۈملىرى ئۇيغۇرلارنى مەسىلىسىنى تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇش، تەشكىلات ۋە پارتىيەلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش، چەتئەللىكلەر ئۈچۈن يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا لېكسىيە بېرىش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتىكەن. 

يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئىز باسارلىرى ۋە ئۈمىد نۇرلىرى ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بەك كۆپ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، بۇنىڭ بىرى ئۆگىنىش، يەنى ئۆزىنى تەربىيەلەش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقلەرگە ئاڭلىتىش ۋە خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىپ داۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

يىغىندا يەنە ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئابدۇراخمان جامال ئەپەندى سۆز قىلىپ، ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا توختالدى. 

ئۇيغۇرلاردىن ھال سوراش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىش مەقسىتىدە كانادادىن ئىستانبۇلغا كەلگەن، كانادا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان «خەلقئارا ئىنسانىي ياردەم» (Human Concern International) نامىدىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇراخمان ھۈسەيىن ۋە ھەسەن ئەلبادى قاتارلىق كىشىلەرمۇ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنى ماددىي ھەم مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ھەسەن ئەلبادى ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىر دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ كانادادىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بۇ توغرىسىدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا «شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى» جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئابدۇللا ئارمان سۆز قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىككى يىل جەريانىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ۋە ئۇچرىغان توسالغۇلارنى بايان قىلىپ ئۆتتى. 

ئابدۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى» جەمئىيىتى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆز ئەزالىرىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ھەر خىل خىزمەت ئېلىپ بارغان، تەشكىلاتنى تەرتىپكە سېلىش، كەسىپلەشتۈرۈش، ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ خۇسۇسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى ساپاسىنى ۋە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. مەزكۇر تەشكىلات يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئېچىش، نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش، تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش، تۈركىيەدە ئېچىلغان بىر قىسىم يىغىنلارغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان.

بۇ جەمئىيەت 2019-يىلى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىش مەقسىتىدە 70 تىن ئارتۇق يىغىن، مۇراسىم ۋە نامايىش قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، «شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى»، ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر گۇرۇپپا ياشلار تەرىپىدىن 2017-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان ۋە ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەسمىي تىزىمغا ئېلىنىپ تەستىقلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.