ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» ناملىق دوكلاتىدىكى دۇنيانى چۆچۈتكەن ئۇچۇرلار (3)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-06-21
Share
يەنە نەچچە مىليون ئۇيغۇر غايىب بولىدۇ؟ تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈندە گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2021-يىلى 7-ئىيۇن. لوندون، ئەنگلىيە.
Photo: RFA

گېرمانىيەلىك ئىنسانشۇناس، دوكتور ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە تەھلىل» سەرلەۋھىلىك ئىلمىي دوكلاتىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەن مەزمۇنلارنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مەركەزلىشىپ ئ‍ولتۇراقلىشىش ھادىسىسىنى «سىياسىي تەھدىت» دەپ قاراشقا باشلىغاندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان تەدبىرلەردۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى نوپۇس نىسبىتىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە لاگېرلارغا قاماش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىغا مىليونلىغان ساندا كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە يېڭى ھاياتلىق ماكانى ياراتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئارقىلىق خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا تۇتقان ئورنىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالىغان بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمىغان. ئاقىۋەتتە ئۇلار «ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك» ئۈچۈن خىتاي دۆلىتى بىۋاسىتە ئىجرا قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى مەجبۇرىي چەكلەش» تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ بىلەن تەمىن ئەتكەن «ئالىملار» نىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇستا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش» ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن «شىمالىي شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر نوپۇس قۇرۇلمىسى» نى ئۈلگە قىلىش ئەڭ ئاقىلانە چارە، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ «نوپۇس قۇرۇلمىسى» دا 2018-يىلى خىتاي نوپۇسى ئاللىقاچان 56 پىرسەنتكە يەتكەن بولۇپ، تارىم ۋادىسىدىكى «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» نىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن خىتايلارنىڭ بۇ رايوندىكى ئارىلاش ئولتۇراقلىشىشى ئاز دېگەندىمۇ ئاشۇنىڭغا يېقىنلىشىشى لازىم ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن يالغۇز خىتايلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمىغانلىقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۆلەمدە تېببىي ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى كونترول قىلىش، چەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق ئاھالىنىڭ كۆپىيىشىنى خىتايدىكى باشقا رايونلار ياكى ئۇيغۇر دىيارىغا قوشنا مۇسۇلمانلار رايونى، مەسىلەن، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىقلارنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرگەن.

بۇ تەدبىرلەرنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىدە خىتاي ئالىملىرىنىڭ «2040-يىلىغا بارغاندا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 15.3 مىليونغا كۆپىيىدۇ» دېگەن ئەڭ تۆۋەن مۆلچىرى ئەمەلگە ئاشمايدىكەن. چۈنكى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئىجرا بولۇۋاتقان كۆپلىگەن نوپۇس كونتروللۇقى تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن «مىللىيلار» نىڭ نوپۇسى ئازىيىپ 2040-يىلىغا بارغاندا تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار توققۇز ياكى توققۇز يېرىم مىليونچە نوپۇستىن ئاشمايدىكەن. ئەمما بۇ ۋاقىتقا بارغاندا تارىم ۋادىسىدىكى تۆت ۋىلايەتتە خىتايلارنىڭ سانى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليونغا يېقىن كۆپىيىدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ نوپۇستىكى نىسبىتى 20 پىرسەنتكە يېقىنلاپ قالىدىكەن. ئادريان زېنز بۇنى «بۇ خىل ئاستا سۈرئەتلىك ئۆزگىرىشنى تاشقى دۇنيا ئاسانلىقچە بايقىيالمايدۇ. بۇنداق بولغاندا سان جەھەتتە ئازايغان بۇ خىلدىكى ئاھالىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەمدە كونترول قىلىش تېخىمۇ ئاسانغا چۈشىدۇ. بۇنىڭدا تۇغۇت نىسبىتىنى چەكلەش ئىزچىل تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەر قاتارىدا ئىجرا قىلىنىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرگە قارىغاندا 2040-يىلىغا بارغاندا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرلىگەندىمۇ 13 مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇ يەردىكى تۆت مىليوندىن كۆپرەك نوپۇس پەرقى دەل مۇشۇ خىل ‹نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش› ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىدىكى تەركىبىنى شالاڭلىتىش قۇرۇلۇشى جەريانىدا غايىب بولىدىغان ساننى كۆرسىتىدۇ. بۇ سان يالغۇز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەتتىكى ئەھۋالنىلا كۆرسىتىدۇ. بۇ دېگەنلىك كەلگۈسى 20 يىلدا مىللىيلارنىڭ نوپۇسى 31 پىرسەنت ياكى ئۈچتىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئازىيىدۇ، دېگەن گەپ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى ھازىر ئاز دېگەندىمۇ مۇشۇ ئېيتىلىۋاتقان سۈرئەتتە ئەمەلىيلەشتۈرىۋاتقانلىقى بىزگە مەلۇم. يەنە بىر ياقتىن بۇ رايوندا ھازىر ‹مىللىيلارنىڭ نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش› قۇرۇلۇشىغا زۆرۈر بولغان بارلىق شەرتلەر ھازىرلىنىپ بولدى. بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئۇلار ئەمدى مىللىيلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ياكى نوپۇسنىڭ ئېشىش ئەھۋالىنى ئاشكارا مەلۇم قىلمايدۇ. تەتقىقاتچىلار بولسا بۇ جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئورنىغا بىر قاراڭغۇلۇققا دۇچ كېلىدۇ. بۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ، دېگەندە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جىسمانىي جەھەتتە غايىب قىلىۋېتىش ئۇرۇنۇشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. چۈنكى خىتايلارنى كۆچۈرۈپ كېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش بۇ ۋاقىتقا بارغاندا يېتەرلىك بولماي قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ‹دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى› ئۈچۈن سىستېمىلىق بولغان تۇغۇتنى كونترول قىلىش چارىسى ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ھەممىلا نەرسە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ».

خىتاي «ئاكادېمىكلىرى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ «كەلگۈسى 20 يىلدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نوپۇسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم» دەپ 2040-يىلىنى نىشاندىكى يىلنامە قىلىپ تاللىشى دوكلاتتا ئالاھىدە ئورۇن ئالىدۇ. خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ھۆكۈمەتنىڭ ماددىي جەھەتتىكى رىغبەتلەندۈرۈشلەر ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشقان نوپۇس كۆچۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن بولسا، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان تۇغۇتنى چەكلەش تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر نوپۇسى بارغانسېرى ئازىيىپ ماڭىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن 2018-يىلىدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىنلا يىلىغا 50 مىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» باشقا جايلارغا يۆتكلىشكە باشلىغان. نۆۋەتتە بۇ ساننىڭ بارغانسېرى زورىيىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتىكەن. يەنە كېلىپ دەل ئاشۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتى نۆلنىڭ ئاستىغا چۈشۈشكە باشلىغان. ئەگەر مۇشۇ تەدبىرلەر مۇشۇ يوسۇندا ئىجرا قىلىنىۋەرسە 2040-يىلىغا بارغاندا تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە خىتاي نوپۇسىنىڭ نىسبىتى 25 پىرسەنتكە بارىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن 2018-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىللىي نوپۇس 10.39 مىليون» دەپ ئېلان قىلغان سان 2040-يىلىغا بارغاندا 15 مىليونغا يېقىنلىشىشنىڭ ئورنىغا توققۇز مىليوندىن سەل ئاشقان سەۋىيەگە چۈشۈپ قالىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 20 يىلدىكى چېكىنىشى ئاز دېگەندىمۇ تۆت مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئادريان زېنز مۇنداق دەيدۇ:

«بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ نوپۇسنى كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قاماق ۋە تۈرمىلەرگە يوللاش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىجرا قىلىش، ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنى بىر-بىرىدىن جۇدا قىلىش، تۇغۇتنى قاتتىق چەكلەش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدىغان زىيالىيلار ۋە مۇئەييەن دائىرىدىكى تەسىرچان شەخسلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۈرمىلەرگە قامىلىپ 20 يىلدىن كېسىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇشۇ يىگىرمە يىل ئىچىدە ئۆزلىرىگە تونۇشلۇق بولغان مەدەنىيەتنى كېيىنكى ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ بېرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلىدۇ؛ مەجبۇرىي ئەمگەك بولسا ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلادنى تېخىمۇ ئوڭاي كونترول قىلىشىغا شارائىت يارىتىدۇ. چۈنكى بىر ئەۋلادنىڭ ھەر جەھەتتىن يېتىلىشىگە ئادەتتە 20 يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ؛ تۇغۇت كونتروللۇقى بولسا كەلگۈسى 20 يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى كۆپىيىشىنى چەكلەپ، خىتاي نوپۇسىنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا ۋە ئۇيغۇر نوپۇسىنى تېخىمۇ شالاڭلىتىشقا يول ئاچىدۇ. بۇ ھال داۋام قىلىدىكەن، مىللىي نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە بەكمۇ ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. ھازىر يەنىمۇ قەبىھ بولغان بىر ھال شۇكى، دۆلەت ھاكىمىيىتى بىلەن ‹ئاكادېمىكلار› بىرلىشىپ تۇرۇپ مىللىي نوپۇس نىسبىتىنى سەلبىي ھادىسە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا بۇنى ساغلام جەمئىيەتكە خەۋپ ۋە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىنى ھەل قىلىش سىياقىدا ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. بۇنى شان روبېرتسمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بەزى خىتايلار بولسا بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك بۇنى ئىنسانىي مەسىلە قاتارىدا شەرھلەپ ‹خىمىيەۋىي دورىلار ئارقىلىق زەھەرلىك ئوت-چۆپلەرنى يوقىتىش شەكلىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش لازىم› دەپ تەكىتلىگەن. بۇغۇ بىر تۈرلۈك ئوخشىتىش، ئەمما ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنى ئىنسانىي مەسىلە كاتېگورىيەسىگە قويۇش ھەمدە بىر مىللەتنىڭ توپلىشىپ مەركەزلىك ئولتۇراقلىشىشىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قاراشتەك بۇ خىل چۈشەنچە ئادەمنى بەكلا شۈركەندۈرىۋېتىدۇ.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە قىسقا مەزگىللىك لايىھىلەر بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ھۆججەتلىرى ئۇزۇن مەزگىللىك نوپۇس ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بەكمۇ روشەن نامايان قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت