دوكتور ئادرىيان زېنز گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلاندى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا زور تۆھپە ياراتقان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

19-ئىيۇن كۈنى مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان د ئۇ ق تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزنى كۈتۈۋېلىش ۋە ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قۇرۇلتاي تەرىپىدىن رەھمەتلىرىنى ئىزھار قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى. ميۇنخېن شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان «قەشقەر رېستورانى» غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتكە ميۇنخېندىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەر-ئاياللار تەكلىپ قىلىنغاندىن سىرت، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا زور تۆھپە ياراتقان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز، بەزى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغانىدى. ھازىر ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندى جەمئىيىتىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئادرىيان زېنز ئەپەندى بۇ سورۇنغا خانىمىنى ھەم 3 پەرزەنتىنى بىرگە ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇيغۇر جامائىتى مېھمانلىرىنى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە كۈتۈۋالدى، سورۇن ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلدى.

جازا لاگېرلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz)نى كۈتۈۋېلىش ۋە ميۇنخېن ئۇيغۇر جامائىتىگە قۇرۇلتاي تەرىپىدىن رەھمەتلىرىنى ئىزھار قىلىش پائالىيىتىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 19-ئىيۇن، گېرمانىيە.
جازا لاگېرلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz)نى كۈتۈۋېلىش ۋە ميۇنخېن ئۇيغۇر جامائىتىگە قۇرۇلتاي تەرىپىدىن رەھمەتلىرىنى ئىزھار قىلىش پائالىيىتىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 19-ئىيۇن، گېرمانىيە. (RFA/Ekrem)

ئالدى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز ئېلىپ، ئادرىيان زېنزنىڭ ئاخىرقى 4-5 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا دائىر كۆپلىگەن جىنايەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ كۆزىگە مىغ بولۇپ قادالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئارخىپىنىڭ ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئالدىنقى ھەپتە قارار قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۈگۈنكى سورۇننىڭ ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان بۇ خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك مىللىي كېڭەش يىغىنى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىگە قۇرۇلتاي نامىدىن تەشەككۈرلىرىنى ئىزھار قىلىش تۈپەيلىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ھەمدە دوكتۇر ئادرىيان زېنزغا لەۋھە تەقدىم قىلدى. ميۇنخېندىكى «مېھرىبان ئانىلار تەشكىلاتى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى تەشكىلاتى بولسا ئادرىيان زېنزنىڭ خانىمىغا ئەتلەس شارپا تەقدىم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان بولدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىر پاجىئەلەرنى دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈش يولىدا ئەجىر سەرپ قىلىۋاتقان كىشىلەرگە ئىلھام بېرىش ۋە مىللەت نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى بولسا، ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان بىر كىشىگە ئايلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى قىممەتلىك ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن بىر شەخس ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz)نى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2022-يىلى 19-ئىيۇن، گېرمانىيە.

«قەشقەر رېستورانى» دىكى سورۇن ئەھلى دوكتۇر ئادرىيان زېنزغا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىن تۈرلۈك سوئاللارنى سوراشتى. بۇ سوئاللارنىڭ بىرى «سىز قانداق بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش يولىنى تاللاپ قالدىڭىز؟» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. ئادرىيان زېنز ئۆزىنىڭ گېرمانىيەدىكى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقىنى، بۇنچە كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيەنى ۋەتەن تۇتۇپ ياشاۋاتقانلىقىدىن ئۆزىنىڭ ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىككە قاتناشقاندىن تارتىپ تەتقىقات ئىشلىرىغا كىرىشكىچە بولغان ھايات مۇساپىسىنى، ھازىر خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن 3 پەرزەنتى ۋە ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەن ئېتىقادلىق بىر ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن، ياراتقۇچىمىز تەرىپىدىن گويا ‹ھەقسىزلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقلەر تەرەپتە تۇر، ئۇلار ئۈچۈن بىر ئىش قىل› دېگەن ۋەھىيگە ئېرىشكەندەك تۇيغۇدا ياشايتتىم. دەسلەپكى مەزگىللىرىمدە تىبەتلىكلەرنىڭ پاجىئەلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنىدىم. كېيىنچە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ، دىققىتىمنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈردۈم. ھازىر ئاساسلىقى جازا لاگېرلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن».

«قانداق قىلغاندا، تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتچىلارنى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە جەلپ قىلغىلى بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا ئادرىيان زېنز مۇنداق جاۋاب بەردى: «ياۋروپادا تەتقىقاتچىلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ، بولۇپمۇ خىتاينى ۋە خىتاي مەسىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغانلار. بىراق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن ئىبارەت بۇنداق نازۇك تېمىلارغا دۇچ كەلگەندە ئۇلار جىم تۇرۇۋالىدۇ. چۈنكى، بۇ خەتىرى بار ئىش. بۇنداق خەتەرلىك خىزمەتلەرگە كۈچلۈك ئېتىقاد روھى بولغان، خەتەردىن قورقمايدىغان ئادەملەر تەۋەككۈل قىلالايدۇ».

سورۇندا سوئال-جاۋابلار داۋام قىلىپ تۇردى، داستىخانغا چۆچۈرە، پولۇ دېگەندەك ئۇيغۇرچە تائاملار تارتىلدى. مېھمانلار يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تەگكەچ ئادرىيان زېنز بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى سەۋەبلىك خىتاينىڭ جازاسىغا دۇچ كەلگەن بىر كىشى بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم د ئۇ ق باش شتابىغا كېلىپ قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ھەمدە ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن دىدار كۆرۈشكەن بۇ سورۇننىڭ ياخشى سۆھبەتلەر بىلەن تولغان بىر خاتىرە بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. سورۇن خاتىمىسىدە، ئۇيغۇر جامائىتى دوكتۇر ئادرىيان زېنز بىلەن خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشۈشتى.