شىۋېتسىيەدە «زەپەر مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلۈپ، نەتىجە قازانغانلار مۇكاپاتلانغان

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى «ياۋروپا ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش» مۇسابىقىسىدا ئۇتۇق قازانغان كوماندا شەرىپىگە «زەپەر مۇراسىمى» ئۆتكۈزگەن.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى 27-ئاۋغۇست كۈنى ستوكھولىمدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ياشلار پۇتبول كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ئىشتىراكىدا «زەپەر مۇراسىمى» نامىدا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، 2022-يىللىق «ياۋروپا ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتپۇل مۇسابىقىسى» دا 1-دەرىجىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن شىۋېتسىيە ياشلىرىنى ماددىي بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلىغان.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئۆتكۈزگەن «زەپەر مۇراسىمى» دا تارقىتىلغان ئۇيغۇر دوپپىسى. 2022-يىلى 27-ئاۋغۇست.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئۆتكۈزگەن «زەپەر مۇراسىمى» دا تارقىتىلغان ئۇيغۇر دوپپىسى. 2022-يىلى 27-ئاۋغۇست. (RFA/Ekrem)

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر خانىم بۈگۈن بۇ ھەقتە توختالغاندا، پائالىيەتنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلاردا ناھايىتى تەسىرلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، پائالىيەتتە ئۇتۇق قازانغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر ياشلار پۇتبول كوماندىسى ئەزالىرىغا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ سىماسى چۈشۈرۈلگەن دوپپا ۋە باشقا ماددىي بويۇملارنى تەقدىم قىلغانلىقىنى، مۇسابىقىنى قوللىغان پىداكار ئانىلارغىمۇ رومال، شارپىلار ھەدىيە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى «ياۋروپا ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش» مۇسابىقىسىدە ئۇتۇق قازانغان كوماندا شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن «زەپەر مۇراسىمى» دىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 27-ئاۋغۇست.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى «ياۋروپا ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش» مۇسابىقىسىدە ئۇتۇق قازانغان كوماندا شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن «زەپەر مۇراسىمى» دىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 27-ئاۋغۇست. (RFA/Ekrem)

2022-يىللىق «ياۋروپا ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتپۇل مۇسابىقىسى» بۇ يىل 7-ئايدا نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 3 كۈن داۋاملاشقان بۇ مۇسابىقىغا نورۋېگىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ياشلار پۇتبۇل كوماندا ئەزالىرى قاتناشقان. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا نورۋېگىيە كوماندىسى 3-دەرىجىلىك، بېلگىيە كوماندىسى 2-دەرىجىلىك، شىۋېتسىيە كوماندىسى 1-دەرىجىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ چىمپىيون بولۇشى بۇ مۇسابىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن شىۋېتسىيە جامائىتىنى كۆپ سۆيۈندۈرگەن. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى شىۋېتسىيە ياشلىرىغا تېخىمۇ زور ئىلھام ۋە مەدەت بولسۇن ئۈچۈن مەزكۇر «زەپەر مۇراسىمى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن. پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلاردىن ستوكھولىمدا ياشايدىغان ماھىنۇر ھەسەنوۋا خانىم بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى «ياۋروپا ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش» مۇسابىقىسىدە ئۇتۇق قازانغان كوماندا شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن «زەپەر مۇراسىمى» دىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 27-ئاۋغۇست.

پائالىيەت خاتىمىسىدە ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇرچە ناخشا-سازلارغا ئۇسسۇللار ئويناپ، ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقلىرىنى تەنتەنە قىلىشقان.