يوپۇرغادىكى داڭلىق بىر ناۋاي جەمەتىنىڭ پاجىئەلىك ھېكايىسى: زور تۇتقۇننىڭ كوللېكتىپ قۇربانلىرى
2023.11.28
نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئابدۇراھمان تۇرسۇن يېقىندا يۇرتى قەشقەر يوپۇرغادا ياشاۋاتقان 72 نەۋرە تۇغقىنىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 7-8 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغان. ئۇ رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ جەمەتىنىڭ قەشقەر يوپۇرغادا ناۋايلىق ۋە باشقا ئۇششاق تىجارەت بىلەن تونۇلغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى لاگېر-تۈرمىلەرگە قامىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئابدۇراھمان تۇرسۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 2016-يىلى تۈركىيەگە تىجارەت بىلەن چىقىپ تۇرۇپ قالغان. 2022-يىلى نورۋېگىيەگە يەرلەشكەن. ئۇ ئۆزى، ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا چەت ئەلگە چىقالىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىتاينىڭ بىۋاسىتە پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما يۇرتىدا قەپ قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ «چەت ئەلدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭ بار ئىكەن» دېگەن باھانە-سەۋەبلەر بىلەن تېخىمۇ ئېغىر باستۇرۇشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئەخەت ئوسمان ۋە ئەكرەم زىياۋۇدۇن ئىسىملىك ئىككى تاغىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2014-يىلى ۋە 2016-يىللىرى تۇتقۇن قىلىنغان، ساق پېتى ئېلىپ كېتىلگەن تاغىلىرى كېيىنچە نىمجان ھالەتتە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان ۋە ھەر ئىككىلىسى ئۇزۇن ئۆتمەي جان ئۈزگەن؛ 2018-يىلىدىن بۇيان ئاچىسى ئاينۇر تۇرسۇن بىلەن سىڭلىسى بۇرابىيەم تۇرسۇندىن ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان. 2021-يىلى خىتايدىكى بىر ساقچى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، سىڭلىسى بۇرابىيەم تۇرسۇننىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئابدۇراھمان تۇرسۇننىڭ شەخسەن ئۆزىمۇ ۋەتەندىكى ۋاقىتلىرىدا يوپۇرغادىكى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ناھايىتى ئېغىر قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغان ئىكەن. ئۇ، بۇ ھەقتە ئەنگىلىيەدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە سالغان پاراكەندىچىلىكلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىلا باشلانغان بولماستىن، بەلكى دادىسى ۋە ھەتتا چوڭ دادىسىنىڭ زامانىدىن باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ نەۋرىلىرى چوڭ بولغاندا چوڭ دادىسىغا ئوخشاشلا گەپ ئاڭلىمايدۇ، دەپ جەمەتىمىزنى بەك ئۆچ كۆرىدۇ».
ئابدۇراھمان تۇرسۇن ئاخىرىدا ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتۇش نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.