يېقىندا نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندى فۇجيەن ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىسى زۇليار ياسىننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى سوتى ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان فۇجيەن ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى خادىمى زۇليار ياسىننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما سوت كۈنى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار بىر ساقچى خادىمى، زۇليار ياسىننىڭ دېلوسى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدىن يېقىندا سوت ئېچىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان رازىيە جالالىدىن خانىم جىيەنى زۇليار ياسىننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق باياناتى بەرگەن. باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 1996-يىلى تۇغۇلغان زۇليار ياسىن 2014-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل ئوقۇغان. 2016-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن فۇجىيەن ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ئوقۇشىنىڭ ئاخىرقى يىلى، يەنى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچىدە پراكتىكا قىلىۋاتقان مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان.

رازىيە خانىم بۇ ئەھۋالنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلىگەن؛ ئەمما ھازىرغا قەدەر خىتاي تەرەپ زۇليار ياسىننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئائىلىسى ۋە ئاخباراتقا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەنىدى.
يېقىندا نورۋېگىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇريار فوندى، ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق، زۇليار ياسىننىڭ ئۈستىدىن مۇشۇ 24-ئاۋغۇست كۈنى سوت ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.
بىز بۈگۈن، يەنى 2-ئاۋغۇست كۈنى فۇجيەن ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، زۇليار ياسىن ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. بىز بۇ خادىمدىن بۇ مەكتەپنىڭ زۇليار ياسىن دەپ بىر ئوقۇغۇچىسى بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «تۇتۇلۇپ كېتىلگەن ئوقۇغۇچىمۇ؟» دېگەن تەكرارلىما سوئالى ئارقىلىق زۇليار ياسىننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بىز ئۇنىڭدىن، زۇليار ياسىننىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ زۇليار ياسىننىڭ دېلوسىنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ دېلو ھەققىدە، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىنىڭ مەلۇمات بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
زۇليارنىڭ گوللاندىيەدىكى كىچىك ئاپىسى رازىيە جالالىدىن خانىم، زۇليارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن. ئۇيغۇريار فوندىنىڭ يېتەكچىسى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى زۇليار ئۈستىدىن بۇ يىل 6-ئايدا بىر قېتىم سوت كۈنىنى بېكىتىپ، ئارقىدىن سوتنى بىكار قىلغان ۋە بۇ نۆۋەت ئىككىنچى قېتىمدا 24-ئاۋغۇست كۈنىنى سوت ئۈچۈن بېكىتكەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، ئۈستىدىن سوت ئېچىلىش 2017-يىلدىن كېيىنكى تۇتقۇندا ئىنتايىن ئاز كۆرۈلۈۋاتقان قانۇن تەرتىپى بولۇپ، بۇمۇ، زۇليار ياسىن ھەققىدە گوللاندىيەدىكى كىچىك ئاپىسى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ ھەقتە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچى خادىمى، زۇليار ياسىننىڭ 24-چېسلا ئېچىلىدىغان سوتىنىڭ قايسى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىگە كېلىپ مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى؛ ئەمما، ئۇ زۇليار ئۈستىدىن سوت ئېچىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.
يۇقىرىدا، فۇجيەن ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى زۇليار ياسىننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ۋە 24-ئاۋغۇست كۈنى سوتى ئېچىلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.