زۇمرەت داۋۇت: «خىتاينىڭ تۇغقانلىرىمدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما ھەقىقەتنى سۆزلىمىسەم بولمايدۇ»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.10.14
abduxelil-dawut-zumret-akisi.jpg زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئابدۇخېلىل داۋۇتنىڭ كىملىكى.
Zumret Dawut teminligen

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 13-ئۆكتەبىر كۈنى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئابدۇخېلىل داۋۇتنىڭ ئۆز سىڭلىسى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بايانلىرىنى ئىنكار قىلىپ بەرگەن ۋىدېيولۇق باياناتىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋىدېيولۇق بايانات ئارقىلىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونى «ئۇيغۇرلار ھەققىدە پىتنە-ئىغۋا تارقاتتى» دەپ ھۇجۇم قىلغان.

ھازىر ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونىدىكى مېھمان كۈتۈش يولى مەھەللە كومىتېتىدا دەرۋازىمەن بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابدۇخېلىل داۋۇت زۇمرەت داۋۇتنىڭ چوڭ ئاكىسى ئىكەن. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئۆزىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە «كۇۋېي شوۋ» ناملىق خىتايچە ئىجتىمائىي تاراتقۇدا تارقىتىلغان ئابدۇخېلىل داۋۇتنىڭ ۋېدىيولۇق باياناتىنى پاكىت سۈپىتىدە ئىشلەتكەن.

ئابدۇخېلىل داۋۇت مۇنداق دېگەن: «سىڭلىم ئەزەلدىن مەجبۇرىي تەربىيەلەشكە بارمىغان، مەجبۇرۇي تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىمۇ قىلدۇرمىغان. ئۇ بالىياتقۇ ئۆسمىسى بولۇپ قېلىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان. ئامېرىكا مىنىستىرى پومپېيو ئەپەندى، سىز راست گەپ قىلسىڭىز، سىڭلىم زۇمرەت داۋۇتتىن پايدىلىنىپ يالغان گەپ توقۇمىغان بولسىڭىز، بىزنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا دەخلى يەتكۈزمىگەن بولسىڭىز. . .»

رادىيومىزنىڭ قايتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇمرەت داۋۇت 12-ئۆكتەبىر كۈنى دادىسىنىڭ شۇندىن بىر كۈن ئىلگىرى ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى بىر خىتاي قوشنىسى ئارقىلىق بىلگەنلىكىنى، مۇسىبەت ئىچىدە تۇرۇپمۇ ئائىلىسىدىن ھال سورىيالماي تۇرغىنىدا ئاكىسىنىڭ بۇ ۋىدېيولۇق باياناتىنى كۆرۈپ ئىنتايىن بىئارام بولغانلىقىنى شۇنداقلا دادىسىنى خىتاينىڭ بېسىملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمدى دەپ ئويلاپ قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

زۇمرەتنىڭ ئېيتىشىچە، ۋىدېيو ئېلىنغان ئۆي ئۇنىڭ ئاكىسى ئابدۇخېلىل داۋۇتنىڭ ئۆيى ئىكەن، ئەمما بۇ ۋىدېيونىڭ مەجبۇرىي ئېلىنغانلىقى بىر قانچە تەرەپتىن چېنىپ قالغان. يەنى بۇ ۋىدېيونىڭ ئۆلچەملىك، مىدىرلىماي ئېلىنىشى ئۇنىڭ ئادەتتىكى تېلېفوندا ئېلىنمىغانلىقى ۋە تەييارلىق بىلەن سۈرەتكە ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئىككىنچى تەرەپتىن ئۇنىڭ ئاكىسى ھېچقاچان ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ياكى ئەپلەرنى قوللانمايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاكىسىنىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلانلىقى ئۇنىڭ ئىشلەتكەن سۆز-ئىبارىلىرىدىنمۇ چىقىپ قالغان ئىكەن.

زۇمرەت بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ئاكام مېنىڭ ئىسمىمنى ئېغزىغا ئېلىپ تۇرۇپ ‹بالىياتقۇ بوغدۇرۇش› دېگەندەك سۆزلەرنى قىپتۇ، مەن ئاڭلاپمۇ راھەتسىز بولۇپ كەتتىم. ئاكام ئۆز سىڭلىسى ھەققىدە گەپ قىلىپ بۇنداق سۆزلەرنى ئېغزىغا ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئارىمىزدا كۈچلۈك ئاكا-سىڭىللىق پەدىشەپ بار. بىز ئەخلاقلىق ئائىلىدە ئۆستۇق، ئاكا-سىڭىللار ئارا ھەتتا ‹توي›، ‹ئەر› دېگەندەك گەپلەرنىمۇ ئاغزىمىزغا ئالالمايمىز. مەن بۇنى ئاڭلاپ شۇنچە ئازابلانغان يەردە، مۇشۇ گەپلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلانغان ئاكام قانچىلىك ئازابلانغاندۇ دەپ ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. . .»

زۇمرەت بۇ ۋىدېيونىڭ ئاكىسىنىڭ ھەمدە باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر بېسىملارغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى مەھەللە ساقچىلىرىنىڭ قايتىپ كېلىش ھەققىدە تېلېفون ئارقىلىق تەھدىت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىكەن. ساقچىلار يەنە يەڭگىسى ئارقىلىق ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتكەن ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان 1 مىليوندىن 3 مىليونغا قەدەر بىگۇناھ ئىنسانلارنى قامىغان ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سىرى لاگېر شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بەكئالى، مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا ۋە يېقىندا گۇۋاھلىق بەرگەن زۇمرەت داۋۇتلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى بىلەن پاش بولۇشقا باشلىغان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن دەسلەپ لاگېرلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش ئورنى» قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن تەشۋىقاتىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن لاگېر شاھىتلىرى ۋە خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى ئىسپاتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى. ئىلگىرى لاگېرنىڭ ئىچ يۈزىنى پاش قىلغان مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ سۆزلىرىنى يالغانغا چىقىرىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاپىسىنى سۆزلىتىپ، مېھرىگۈلنىڭ بەرگەن گۇۋېاھلىقلىرىنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان ئىدى.

زۇمرەت داۋۇت خىتاي دائىرىلىرى مېھرىگۈلنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئۈرۈمچىدە بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئاممىنى «مېھرىگۈلنىڭ يالغانچىلىقى» نى ئەيىبلەپ ئۈندىداردا ئۇچۇر تارقىتىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بايان قىلدى. زۇمرەت خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا لاگېرلارنى پاش قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئائىلىسىگە بېسىم پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقەتنى ئاڭلىتىشتىن يانمىغان.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە سوئال قويۇپ: «مېنىڭ ئېيتقانلىرىم يالغان بولسا ئەجەبا شۇنچە قۇدرەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتى مېنىڭ ئۆسمە كېسەل بولۇپ ئوپېراتسىيە قىلغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتەلمەپتۇ، ئەمما مەن ھەر قانداق ئورۇننىڭ تەكشۈرۈشىگە تەييار،» دېدى.

بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونى مېھمان كۈتۈش يولى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما تېلېفوننى ئالغان خىتاي ساقچى بىزنىڭ ئامېرىكادىن تېلېفون قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلگەندىن كېيىن يېنىدىكى بىرىنىڭ «ھازىرچە تېلېفوننى قويۇۋەت» دېگەن بۇيرۇقى بىلەن تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

24-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى ئېچىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ يىغىندا لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان ۋە ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2018-يىلى 31-مارت كۈنى ئۆيىدىن سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىنىپ، 24 سائەت بويىچە سوراق قىلىنغاندىن كېيىن لاگېرغا قاماپ قويۇلۇش جەريانلىرىنى ۋە ئۇ يەردە كۆرگەن ئەھۋاللىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى ۋە خەلقئارا جامائەتتىن ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىپ، بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

يېقىندا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلىت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. خىتاي بۇنىڭغا دەرھال قارشى ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، باياناتچى گېڭ شۇاڭ 11-سېنتەبىر كۈنىدىكى باياناتىدا يەنە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ئالىي كومىسسارنى «بىر تەرەپلىمىلىك» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 7-ئۆكتەبىر قارار چىقىرىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان 28 خىتاي مۇئەسسەسەسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى. ئارقىدىنلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ياكى ئۇنىڭغا ھەمكارلاشقان كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى قارارى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ھەرساھە كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 2‏-ئۆكتەبىر كۈنى كاتولىك دىنى دۇنياسىنىڭ مەركىزى ۋاتىكاندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ كەچۈرمىشى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان. مايك پومپېيو 9-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سۆزىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، زۇمرەتنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن زۇلۇملىرىدىن مىسال قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر» دېگەن ئىدى.

مايك پومپېيونىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇۋالغان مەزگىلدە بۇ مەسىلىنى ۋاتىكاندا ئوتتۇرىغا قويۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان ئىدى. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تەرىپىدىن ئامېرىكادىلا ئەمەس، ئۇنىڭ خەلقئارا مىقياسىدىكى دىپلوماتىك زىيارەتلىرى داۋامىدىمۇ تەكىتلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» تارقاتقان خەۋىرىدە خىتاي باياناتچى گېڭ شۇاڭنىڭ ئامېرىكانى شىنجاڭ مەسىلىسىدە «بىر تەرەپلىمىلىك» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى نەقىل ئالغان.

زۇمرەت داۋۇت 2018‏-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، 3 ئايدەك لاگېرغا قامالغان. ئۇ پاكىستانلىق ئېرىنىڭ يول مېڭىشى ۋە خىتايدا تۇرۇشلۇق پاكىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ، بۇ يىل 1‏-ئايدا پاكىستانغا قايتىپ چىققان ۋە 4-ئايدا، ئېرى ۋە بالىلىرى بىلەن ئامېرىكاغا كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.