ھۆرلۈك ئىزدەپ: بىر زىيالىينىڭ ئەسلىمىسى( 9 - قىسىم)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد
2015.03.21
osman-turdi.jpg قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمان تۇردى. 2015-يىل 9-يانۋار، بىشكەك.
RFA/Azad


قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمان تۇردى 1962 - يىلى يۈز بەرگەن كۆچ - كۆچتە ئۆزىنىڭ مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلار قاتارىدا چېگرادىن ئۆتۈپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىگە ئاياق باسقانلىقى، مۇساپىرچىلىقنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە كۆپلىگەن ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكى ھەمدە شۇلارنىڭ ئاتىدارچىلىق قىلىشى بىلەن ئۆزىگە ئەگىشىپ چېگرادىن ئۆتكەن ئۇيغۇر قىزى خەيرىنىسا بىلەن نىكاھلىنىپ بەختلىك بىر ئائىلە قۇرغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

تۆۋەندە دىققىتىڭلار ئوسمان تۇردىنىڭ چېگرادىن سالامەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاكىسى باشقا دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە چېلەك ناھىيەسىدە ياشاپ قالغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىدا بولسۇن.

مەزكۇر سۆھبەتنىڭ داۋامىنى ھەر شەنبە كۈنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان يورۇق ساھىللار سەھىپىمىزنىڭ «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» قىسمىدا داۋاملىق ئاڭلىتىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.