ئابدۇرەھىم ئىمىن (پاراچ) 1975-يىلى قەشقەر پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلبويى يېزىسىدا تۇغۇلغان.
1995-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن لاياقەتلىك ئۆتۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى (ھازىرقى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ سىياسىي قانۇن فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ 1997-يىلى 6-ئاينىڭ 30 كۈنى (يەنى خىتاي دائىرىلىرى خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋالماقچى بولغان كۈنىنىڭ ھارپىسى) مەكتەپتىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 40 كۈن قاماقتا ياتقاندىن كېيىن «كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە قارشى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە بولۇشقا ئۇرۇنغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ھېچقانداق سوت قىلىنماستىن ئۈچ يىللىق كېسىلگەن.
ئۇ 2000-يىلى ئىيۇندا تۈرمىدىن چىقىپ 2013-يىلى ئانا يۇرتىدىن ئايرىلغۇچە بولغان جەرياندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى ۋە تەھدىتلىرىگە ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئۇچراپ تۇرغان.
ئاخىرى 2013-يىلى ئاۋغۇستتا خىتاي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق قاچاق يوللار بىلەن بېشىنى ئېلىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن. ئابدۇرەھىم پاراچ تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىن تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن.
ئۇ تۈركىيەگە يىتىپ كەلگەندىن كېيىن 2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مېدىيا» قارمىقىدىكى «ئىستىقلال» تور تېلېۋىزىيىسىدە ئىشلىگەن. 2017-يىلىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر، خەۋەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
ئۇنىڭ ئىلگىرى «تەڭرىتاغ» «تارىم»، «كروران» ۋە «قەشقەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا 100 پارچىغا يېقىن شېئىر ۋە يازمىلىرى ئېلان قىلىنغان. 2018-يىلى تۈركىيەدە «ۋەتەنسىز كۈي» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان.
كېلىدۇ
كۈلگىنە يۈرەك، جانان كېلىدۇ،
لەببەيدە ھۆرلەر يان-يان كېلىدۇ.
ئېرىيدۇ قارلار ھەر جىلۋىسىدىن،
بۇلبۇلۇڭ بولغان زامان كېلىدۇ.
تاجىدا ھىلال يۇلتۇز تۈنىگەن،
كۆك زەر لىباسلىق سۇلتان كېلىدۇ.
ئۆتكۈر جان بەرگەن ئىشقىدا ئاھ دەپ،
تۇرپان پۇراقلىق ئايخان كېلىدۇ.
قانداق سۈپەتلەي ئاجىز تىلىمدا،
جاننى ئالغۇچى بىر جان كېلىدۇ.
ۋىسالدا يۈرەك يېرىلماي تۇرسۇن،
توي ئۈستىگە توي دەۋران كېلىدۇ.
شۇنچىلىك تاتلىق ۋىسال لەززىتى،
قەپەستە قانخور قاۋان كېلىدۇ.
سىقىلغان جانلار سامادا لەرزان،
ئۆلەن توۋلىشىپ چۇقان كېلىدۇ.
ئىنتىزارلىقنىڭ سۈبھىدۇر ئىسمى،
زۇلمەتنى چاققان ئەزان كېلىدۇ.
تەييار تۇرۇڭلار، ئەي باغرى قانلار،
يۈز يىل ساقلىغان مېھمان كېلىدۇ.
ئىنتىزار كۆزلەر گەر سوراپ قالسا،
«كۈتكەن ئۇ جانان قاچان كېلىدۇ؟».
ئېيتىپ قويۇڭلار جاۋابىم شۇكى،
يولدا ئۇ جانان چاپسان كېلىدۇ.