شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021.05.14
شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف
Photo: RFA

تېلمان نۇراخۇنوف 1964-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1981-يىلى يۇرتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1986-يىلى ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى تاماملىغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «ئالىتاغ» ئۇيغۇرچە پرووگراممىسىدا، «جازۇشى» نەشرىياتىدا مۇھەررىر، قازاق رادىيوسىدا ئالىي مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن باشقا، قازاقىستان مىنىستىرلار ئىدارىسى قارمىقىدىكى تىل كومىتېتىدا باش مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئىشلىگەن. 

1994-يىلى ئۇ قازاقىستان تېلېۋىزىيەسى «ئالاتاۋ» قانىلىغا تەۋە «ئالىتاغ» ئۇيغۇرچە پروگراممىسىغا باش مۇھەررىر بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە 2001-يىلغىچە خىزمەت قىلغان. 

تېلمان نۇراخۇنوف قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پروزا ۋە پوئ‍ېزىيە ساھەلىرىدە ئۈنۈملۈك قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ئەدىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەر خىل گېزىت ۋە ژۇرناللاردا، داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ كېلىنگەن. شائىرنىڭ «قەلبىم ئاھاڭلىرى»، «كۆزلەر ھەم يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «سەۋدا»، «سەھرادىن كەلگەن يىگىت» ناملىق پوۋېستلار، ھېكايىلەر ۋە پوۋېستلار توپلىمى، «چىن يۈرەكتىن» ناملىق سونېتىلار توپلىمى، «قانلىق ئۆستەڭ» ناملىق رومان ۋە ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ ھېكايىلىرى 2009-يىلى قازاقىستان پايتەختى نۇر-سۇلتان شەھىرىدە نەشىر قىلىنىدىغان «لىتېراتۇرنىي كازاخستان» ژۇرنىلىدا رۇس تىلىدا، 2015-يىلى قازاقىستان يازغۇچىلىرىنىڭ «جۇلدىز»، ئەدەبىي-ئىجتىمائىي ژۇرنىلىدا قازاق تىلىدا يورۇق كۆردى. 2015-يىلى ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ 11-سىنىپ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 

تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ ئىجادىي ۋە جەمئىيەتلىك ئەمگىكى مۇناسىپ باھالىنىپ، ئۇ «قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىنىغا 25 يىل» تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان مېدال بىلەن تارتۇقلانغان. 

ئۇ ھازىر قازاقىستاندىكى «ئاسىيا بۈگۈن» مۇستەقىل گېزىتىدە باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ ئىشلىمەكتە.  

تېلمان نۇراخۇنوف شېئ‍رلىرىدىن ئارىيە 

قانداق سېغىنماي سېنى 

قانداق سېغىنماي ئەزىز يۇرت سېنى،

ئالەمدە سېنىڭدەك گۆزەل يۇرت قېنى؟

تۆرت پەسىل مەنزىرەڭ ئاجايىپ زىلۋا،

سەن بىلەن ھېلىھەم ئاقىدۇ قېنىم.

 

ئالەمدىن ئىزدىسەم تېپىلماس ماكان،

تەڭ كەلمەس ساڭا ھېچ بۇ ئالەم-جاھان.

مېھرىبان قوينۇڭغا قوزىقىن قاققان،

ئاتام رەمىتى، ئانام مېھرىبان.

 

قانداق سېغىنماي ئەزىز يۇرت سېنى،

يۇمشاق باغرىڭدا ياتسا ئۆز ئاتام.

ئىزدىسەم تېپىلماس چىراي ئاۋازى،

ھېلى ھەم قاخشايدۇ مېھرىبان ئانام.

 

«يۇرتنىڭ قەدرى، بالام، بۆلەك» – دەيدىغان،

كېچە-يۇ كۈندۈزى غەمنى يەيدىغان.

يۇرت دېسە يېگىنى، ئىچكىنى قېلىپ،

بىر چامدام يىراقلاپ ھېچ كەتمەيدىغان.

 

ئاتامنىڭ دوستلىرى كېلىدۇ ئەنە،

ھۆرمىتى ياراشقان يۇرتنىڭ دىلىغا.

ئاتامنى ئەسلىسە ئەزىز دوستلىرى،

تىرىلىپ كەلگەندەك كۆزۈم ئالدىغا.

 

تىلسىم ۋە سېھىرلىق ئەي، يۇرت، مەنزىرەڭ،

ئاجايىپ دىلكەشتۇر ھەر بىر يۇرتدىشىم.

قانداق سېغىنماي سېنى ئەزىز يۇرت،

سەن مېنىڭ مۇڭدىشىم، مېنىڭ سىردىشىم. 

ئۇيغۇر قىزىغا 

ئالەم ئويغاندى كۆزىنى ئېچىپ،

سۈزۈلۈپ،

ئاپئاق تاڭ ئاتقاندا.

گۆزەل يۈزلىرىڭگە قوندى قۇياش نۇرى،

ئۆز سۆلىتىنى

ئەكسىڭگە سېلىپ.

قۇياشنىڭ چىرايىنى كۆردۈم،

سېنىڭ چېھرىڭدىن،

ئۇيغۇر قىزى.

 

قۇچىقىڭدا ئۇخلاپ قاپتۇ،

كېچىچە يىغلىغان گۆدەك.

مېھرىڭگە بۆلەنگەن سەبى تىنىقلىرى.

ئاخشام كەچ كىرپىك قاقمىغان،

جۈپ كۆزۈڭدە ئانا شاتلىقى.

بەخىتنى بالىدىن كۆرگەن

ئۇيغۇر قىزى.

 

كۈن بويى

تىرىكچىلىك، تۇرمۇش غېمى،

قۇندۇز چاچلىرىڭنى نېچۈك يوشۇردۇڭ؟

قەلىقەي ياغلىق بېشىڭدا.

 

گويا تەڭنە قىلىپ قەلبىڭنى،

ھەسرەتنى يۇغۇرۇپ.

ئۆمۈرنىڭ قانچە كۈنى پېتىپ

ئاتتى نەچچە تېڭى؟

ياستۇققا

نەچچە رەت تۆكۈلدى يېشىڭ؟

بۇ ئالەمگە سىغماي قالسا

ئاق كۆڭلۈڭ.

دەرد-پىغاننىڭ تېڭىنى

ئالار كىشى بارمۇ بۆلۈپ،

ئۇيغۇر قىزى؟

 

ياڭراپ قالدى خەلق ناخشىسى،

ئېيتقاندا سەن مۇڭلىنىپ.

ئەكس سادا

ئاڭلاندى ئايدىڭ كېچىدە.

ئۆمۈرگە ئاشىقلىقىڭ شۇنچە روشەن،

سېنى كۆرگەن

مونۇ ئالەم يەنە خۇرسەن.

سېنى كۆرگەن

ئايمۇ ھەم،

قۇياشمۇ ھەم

تىلغا كەلمەس

خۇددى كېكەچ.

 

ئۇيغۇر قىزى،

سەندىن باشقا گۆزەل يوقتۇر،

سەندىن ياخشىسى،

مەن ياشىغان

مونۇ چولاق ئالەم ئىچىدە.

 

مەيلى

ئەزىزلىدىم، قىممەت دېدىم دۇنيادا،

ئەركىنلىكنى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندە.

يۈرۈكۈمگە تەڭكەش سوقار بىر ئارمان،

ھاياتلىقتا بەخىت، شاتلىق سۆيگەندە.

 

ھەر نەپەستە ۋەتەن دەيمەن يۈرەكتىن،

ھاياتىمنى سېنىڭ ئۈچۈن بۆلەتتىم.

ئەجدادىمنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن،

سېغىنىشتا تويماي سېنى سۆيەتتىم.

 

خۇشاللىقىڭ بەخىت بولۇپ كېلىدۇ،

ھەسرەتلىرىڭ يۈرۈكۈمنى تىلىدۇ.

قانات قېقىپ ئۇچۇپ كەتكەن قۇش كەبى،

ئەركىنلىكمۇ يېنىپ بىر كۈنى كېلىدۇ.

 

ھاياتلىقتا شۇنى كۆرسەم - تىلىكىم،

ئاندىن مەيلى توختاپ قالسۇن يۈرۈكۈم. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.