'گولدمەن ساكس' گۇرۇھىنىڭ مەقسىتى خىتاينى غۇلىتىشمۇ؟

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كانادادا چىقىدىغان يەر شارى مەكتۇپلىرى گېزىتى ۋە ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار ۋە تور بەتلەر يازغۇچى لى دەلىن يازغان "گولدمەن ساكس سۈيىقەستى" ناملىق كىتابنىڭ خىتايدا سېتىلىش مىقدارىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى مۇنازىرە قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2010.09.01

"گولدمەن ساكس" ئامېرىكىنىڭ ۋالل سترېت سودا بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ پاي چەك ۋە پۇل مۇئامىلە گەۋدىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ خىتايدا تەسىر دائىرىسىنىڭ زورلۇقى مەلۇم.

كىتابنىڭ 1- بابى "خىتاينى غۇلىتىش"

ئاپتور كىتابىدا ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىقتىسادى كرىزىسنى "گولدمەن ساكس" شىركىتىنىڭ، ئامېرىكا پاي چەك بازىرىدا ساختىپەزلىك قىلغانلىقى ۋە ئامېرىكا خەلقىنى قاقتى - سوقتى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

"گولد مەن ساكس سۈيىقەستى " ناملىق كىتابنىڭ 1-بابى "خىتاينى غۇلىتىش" تىن ئىبارەت بولۇپ، ئاپتور كىتابىدا "گولدمەن ساكس" نىڭ ئامېرىكىدىن قالسا خىتايدا تەسىرىنىڭ زورلۇقىنى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ شىركەتنىڭ خىتاي يېزا ئىگىلىك بانكىسى ۋە خىتاي مەركىزى بانكىلىرى ساتقان پايدىنى خەلققە ئۆتۈنۈپ بېرىش خاراكتېرىدىكى پايچەكلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنى سېتىۋالغانلىقىنى، ھازىر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاساسەن "گولدمەن ساكس" شىركىتىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنى چۆكتۈرگەن بۇ شىركەتنىڭ ئەمدىكى نىشانىنىڭ دۇنيا بويىچە 2- ئورۇندا تۇرىدىغان ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەت خىتاينى غۇلىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

"گولدمەن ساكس سۈيىقەستى" ناملىق كىتابتا بۇ شىركەتنىڭ، ئامېرىكا ئىقتىسادى ساھەسىدىكى ساختىپەزلىكىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان دەلىل ‏- ئىسپاتلارنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئاپتور بۇ ھەقتە ئامېرىكا سوتىنىڭ دەلىل ‏- ئىسپاتلىرىنىمۇ كىرگۈزگەن. ئۇ يەنە كىتابىدا ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ "گولدمەن ساكس" شىركىتىدە مەلۇم ئەمىلى بارلىقىنى، ئامېرىكا يۇقىرى تەبىقە ئەمەلدارلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدا نۇرغۇنلىغان يوشۇرۇن سۈيىقەستلەرنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، ئەمدىكى نۆۋەتنىڭ خىتايغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاپتور "گولدمەن ساكس" نى تۈلكىنىڭ سۆڭەك غاجىلىشىغا ئوخشاتقان

خىتاينىڭ، خىتاي جەمئىيىتىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان كىتاب- ژۇرناللارنىڭ سېتىلىشىنى قاتتىق كونترول قىلغىنىغا قارىماي، "گولد مەن ساكس"نىڭ خىتايدا چىقىدىغان سىنا تورىدىكى سېتىلىش مىقدارى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇپ، بۇ يىل ئىيۇندىن ئاۋغۇستقىچە بولغان ئىككى ئاي ئىچىدىكى سېتىلىش مىقدارى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە سىنا تورى ئېلان قىلغان ئەڭ ياخشى سېتىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى 10 كىتابنىڭ ئىچىگە كىرگەن. مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ئوقۇرمەنلەر، سۈيىقەست تېمىلىرى، يۇقىرى تەبىقە ئەمەلدارلىرىغا ئائىت سەتچىلىكلەر ۋە دراماتىك تۇيغۇلارغا باي ئەسەرلەرگە ئىنتايىن مايىل بولۇپ، بۇ خىل مەزمۇندىكى كىتابلار خىتايدا ئىنتايىن تېز ئالقىشلىنىدىكەن.

بېيجىڭدىكى "گولدمەن ساكس" ئىش بېجىرىش ئورگىنى كىتاب ھەققىدە بىر نەرسە دېيىشنى رەت قىلغان

خىتاي تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرە مەيدانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، "گولدمەن ساكس سۈيىقەستى " ناملىق كىتابنىڭ خىتايدا كۆپلەپ سېتىلىشى بىلەن، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلىشى، خىتايدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزمىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆي ‏- ماكانسىز قېلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ساراسىملار تېخىمۇ يۈكسىلىپ، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك تەسىر پەيدا قىلغان. شۇنداقلا، خىتاي ئىجتىمائىي جەمئىيىتىدە خىتاي پات يېقىندا غۇلايدىكەن دەيدىغان ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ ئاسارىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ، دۇنيادا پاتماس قۇياشنىڭ يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ ھامان بىر كۈنى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدەك غۇلايدىغانلىقىنى ئۈمىد بىلەن جاكارلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان، كانادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھاشىمجان ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.