"ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى، شىنجاڭ ئۈچۈن جەڭ" (5)
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.06.18
2008.06.18
رۇس تارىخچىسى ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ " ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى ، شىنجاڭ ئۈچۈن جەڭ" ماۋزۇلۇق، 2007 - يىلى موسكۋادا نەشىر قىلىنغان كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، سوۋېت ھۆكۈمىتى ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىشىدىن كېيىن، ئەسەبىيلىشىپ، سوۋېت ئالىملىرىنىڭ تېزدىن ئاتوم بومبىسى ياشىشى ھەم ئۇران كانلىرىنى ئىزدەپ تېپىشىنى بۇيرىغان.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى ئىلى، ئالتاي، چۆچەكنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگلىرى ئالتايدا ئۇران قېزىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ ئۇرانلار ستالىننىڭ ئاتوم بومبا پىلانى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.