تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك؟

تۈركىيە باش مىنىستىرى خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ تۈركىيىگە قايتىپ كەلدى، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغاندىكى ھاياجان تېخى بېسىلغىنى يوق.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.04.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
erdoghan-wen-jyabaw-305.jpg خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى كۈتۈۋالدى . 2012-يىلى 9-ئاپرېل، بېيجىڭ.
AFP

خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى خەۋەر قىلمىغان بولسىمۇ، تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىدە تۈرك دائىرىلىرى خىتاي تەرەپ بىلەن 10 تۈرلۈك ئىقتىسادىي كېلىشىم ئىمزالىغان بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ كېلىشىملەرنىڭ ئۇنچە چوڭ كېلىشىملەر ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇنداقتا، خىتاي قانداق شارائىت ئاستىدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنىنى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلاش تەلىپىگە قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن؟ تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.