ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس تۈركىيە «كانال-ئا» تېلېۋىزىيىسىدە ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىن يۈزبېرىشى مۇمكىن بولغان رايون ۋەزىيىتى ھەمدە خىتاينىڭ كەلگۈسىدە رايوندا كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان تەسىرلىرى مەسىلىلىرىگە ئورۇن بەرمەكتە.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.05.30
erkin-ekrem-kanal-a-305.jpg ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە «كانال-ئا» تېلېۋىزىيىسىدە ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. 2012-يىلى ماي، تۈركىيە.
RFA/Arslan

تۈركىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە ئۆزىگە خاس كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. يېقىندا تۈركىيىنىڭ «كانال-ئا»  مانا مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرغان.

تۈركىيە «كانال-ئا» تېلېۋىزىيىسىدە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى ۋە تۈركىيىنىڭ ئافغانىستان سىياسىتى توغرىسىدا مەخسۇس بىر پروگرامما تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ پروگراممىدا، شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى، يەنى ناتو ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ پروگراممىغا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتنىشىپ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى ۋە رىياسەتچىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە «كانال-ئا» تېلېۋىزىيىسىدە ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. 2012-يىلى ماي، تۈركىيە.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە، كەلگۈسىدە تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ئوخشىمىغان كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئويناش ئېھتىمالى بارلىقىنى ۋە تۈركىيىنىڭ شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا شۇنداقلا خىتايدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تەسىر كۈچى بارلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي، تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى قوللىنىشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى قوللانغان تەقدىردە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا باشقا بىر ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ئەندىشىلەردىن قۇتۇلالماي ئۆتىدىغانلىقى بايان قىلدى.

ئۇ، يەنە خىتاينىڭ، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زىيارەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئافغانىستانغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئافغانىستان خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ ئافغانىستاندا مىس ماددىسى ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىشقا باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىنىڭ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر، پايدا-مەنپەئەتلەر توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بىر خەلقتە ئوتتۇرا سەۋىيىدىكى بىر جەمئىيەت پەيدا بولغان ھامان، ئۇ جەمئىيەت تەبىئىي ھالدا مەركىزى كۈچكە قارشى چىقىدۇ ياكى پىكىر-تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، دۆلەت دېموكراتىيىگە يۈزلىنىدۇ. بۇ، غەرب ئەللىرىنىڭ تارىخى قاراشلىرى. ھەقىقەتەن خىتايدا 30 يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا سەۋىيىدىكى جەمئىيەت بەرپا بولدى، ئەمما بۇ جەمئىيەت خىتاينىڭ ھازىرقى قانۇن-تۈزۈملىرىدىن پايدىلىنىپ باي بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ جەمئىيەت خىتاينىڭ قانۇن تۈزۈملىرى پەيدا قىلغان ئىنسانلار دەپ قارىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جەمئىيەت مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارشى چىقمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكىنىڭ كۈتۈۋاتقىنى ئەمەلگە ئاشمىدى. دۇنيا ئىقتىسادى ئاسىياغا يۆتكىلىۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتايغا يۈزلىنىۋاتىدۇ، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يېڭىدىن يۈكسىلىۋاتقان كۈچكە قارشى بىر تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا 2009 ‏-يىلدىن بۇيان خىتايغا قارىتا ئوخشىمايدىغان بىر سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلدى ۋە خىتايغا ئىستراتېگىيىلىك بېسىم قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە. ئىستراتېگىيىلىك بېسىم سىياسىتى دېگەن خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، بېسىم قىلىش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەنپەئەتكە ئېرىشىش. ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك بېسىم سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ بۇ زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئايدىڭلىشىدۇ.»

يېقىندىن بۇيان، خىتاينىڭ ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە كۈچلۈك بىر دۆلەت بولىدىغانلىقى، يەنى دۇنيانىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق كۈچىگە ئايلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىرلەر مەيدانغا چىقماقتا. بۇ ھەقتە بىز دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.