خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىشنىڭ ماھىيىتى زېمىن ھوقۇقى مەسىلىسى - قانۇنىي مەسىلە

خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىدە بۈگۈن يەنە بىر داۋالغۇش پەيدا بولدى. خىتايلار بىلەن ياپونلار ئارىسىدىكى كەيپىيات قارشىلىقى كەسكىنلەشتى. ئامېرىكىنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى ئېنىقلىمىسى ۋە شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىدە چىقارغان ئەڭ يېڭى باياناتى خىتاينى چوڭقۇر ئويغا سالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.09.28

ھازىر سېرىق دېڭىزدا ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مەشىقى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ دائىرىدە تېرىكىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە، بۈگۈن يەنە بىر داۋالغۇش يۈز بەردى. خۇددى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئېيتقاندەك، ھازىرقى خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىشنىڭ ماھىيىتى زېمىن ھوقۇقى مەسىلىسى، يەنى قانۇنىي مەسىلە. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئاز دېگەندە يەنە بىر ھەپتىگىچە، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا، ئۆز - ئارا سۆزلىشىدىغان مۇناسىۋەت ئەسلىگە كېلىشى ناتايىن. دۇنيا ھازىر خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

خىتاي بۈگۈن ياپونىيىنى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشكە چاقىردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن 'ئەگەر ياپونىيە ھەقىقەتەن خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى خالىسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن دەرھال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز' دەپ جاكارلىدى.

ئەمما ياپونىيىنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسى باشقىچە. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ توكيودىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ياپونىيە باش مىنىستىرى نائوتو كان كېلەر ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا - ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى يوقلۇقىنى جاكارلىدى. ئەسلىدە، 10‏ - ئاينىڭ 4‏ -، 5‏ - كۈنلىرى بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا - ياۋروپا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، خىتاي بىلەن ياپونىيە دۆلەت باشلىقلىرىغا كۆرۈشۈش ۋە سۆھبەتلىشىش پۇرسىتى بولاتتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، ياپونىيە تەرەپ خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قويۇپ بېرىپ، خىتاينىڭ تەلىپىنى قاندۇرغاندىن كېيىن، خىتاي يەنە ياپونىيىدىن بۇ ۋەقە ئۈچۈن ئەپۇ سوراشنى ۋە تۆلەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ياپونىيىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

خىتايلار بىلەن ياپونلار ئارىسىدىكى كەيپىيات قارشىلىقى كەسكىنلەشتى

"خىتايغا نەزەر" تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايلار بىلەن ياپونلار ئارىسىدىكى كەيپىيات قارشىلىقى كەسكىنلەشتى. خوڭكوڭدا تۈنۈگۈن 200 ئادەم ياپونىيىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىغا بېرىپ خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىدىن ئەپۇ سوراشنى تەلەپ قىلدى. ياپونىيە ناگاساكى شەھەرچىسىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ، خىتاي كېمىلىرىنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىغا كەلمەسلىكىنى، كەلگەنلىرى دەرھال قايتىپ كېتىشى لازىملىقىنى جاكارلىدى. ناگاساكى ئاھالىلىرى يەنە، بۇنىڭدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن كېمە سوقۇلۇش ۋەقەسىگە دائىر بارلىق رەسىملىك خاتىرىلەرنى دۇنياغا ئېلان قىلىپ خىتاينى پاش قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ زېمىن ھوقۇقى ھەققىدىكى ئېنىقلىمىسى خىتاينى ئويغا سالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن "سېنكاكۇ ئاراللىرى ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ دائىرىدىكى ئاراللار، بۇ ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياپونىيىگە تەۋە" دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى ئېنىقلىمىسى خىتاينى چوڭقۇر ئويغا سالدى. شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىمۇ، شەرقىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىدە يېڭى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر خىتاي شەرقى دېڭىزدىكى ئاراللارغا كېڭەيمىچىلىك قىلسا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

سېنكاكۇ ئاراللىرىنى "ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى" دېگەن گەپ مات بولدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا خىتاي كېمىسى بىلەن ياپونىيىنىڭ چارلاش كېمىلىرى سوقۇلۇپ كەتكەن ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئاراللارنى "ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى" دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ياپونىيە خۇزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۈگۈن، سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى بىر تارىخىي ھۆججەتنى ئاشكارىلاپ خىتاينى مات قىلدى.

ياپونىيە خۇزى تېلېۋىزىيىسى ئېلان قىلغان بۇ خىتايچە تارىخىي ھۆججەت، جۇڭخۇا مىنگونىڭ ياپونىيىنىڭ ناگاساكى شەھەرچىسىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى فېڭيۇەننىڭ، 1920 ‏ - يىلى 5‏ - ئاينىڭ 20 ‏ - كۈنى ياپونىيە دائىرىلىرىگە يازغان تەشەككۈرنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا "مىنگونىڭ 8‏ - يىلى قىشتا، جۇڭخۇا مىنگونىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىلىك 31 نەپەر بېلىقچى دېڭىز چاپقۇنىغا ئۇچراپ، ياپونىيىنىڭ جيەنگېداۋ(سېنكاكۇ) ئاراللىرىدا لەيلەپ قالغاندا، ياپون ئىمپېرىيىسىنىڭ دېڭىز قىسىملىرى ئۇلارنى خەتەردىن ساقلاپ قېلىپ، داۋالاپ قۇتقۇزغانلىقىغا ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈرىمىز" دەپ يېزىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.