خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «زامانىۋى مەدەنىيەت»نىڭ ماھىيىتى نېمە؟
2012.02.16

بۇ ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە «زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى» قىلىپ بېكىتىلگەن. مۇشۇ ھەپتىلىك پائالىيەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن 15-فېۋرال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن ئۇيغۇر رايونى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە يېغىن چاقىرىپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ بارلىق تەشۋىقات خىزمىتىدە شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى تۈگىتىش جەريانىدا تېخىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «زامانىۋى مەدەنىيەت» نى يېتەكچى قىلىش چاقىرىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەت تەشۋىقاتلىرىدىكى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان نۇقتا بولۇپ قالدى.
«زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىش»، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئارقىدىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 7 نۆۋەتلىك كومىتېتى 9-ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە كونكرېت ئىستراتېگىيىلىك تاللاش سۈپىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان. بىر يىلدىن كېيىن يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا زامانىۋى مەدەنىيەت شىنجاڭنى زور تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيىسىنىڭ ماتورى بولۇش تەدبىرىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىشنى مەزمۇن قىلغان ئىدىيە ھەرىكىتى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر ساھەلەردە ھەر خىل شەكىللەردە يۇقىرى بىر دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى «زامانىۋى مەدەنىيەت» ئۇقۇمىنى مۇنداق شەرھلەيدۇ:
«زامانىۋى مەدەنىيەت ھەم زامانىمىزدىكى مەدەنىيەتنى ھەم زامانىۋىلاشتۇرۇش مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىدۇ». دېمەك بۇ زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، يەنى زامانىۋىلىق، ياكى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر سىياسىي ھەرىكىتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتىكى ئىدىيە ماتورى بولۇش كېرەك دەپ تەلەپ قويماقتا بۇنىڭ شەرتلىرى مۇنداق: «سوتسىيالىستىك زامانىۋى مەدەنىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە دەۋر روھىنى ئالاھىدىلىك قىلىش، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇش، جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى يىلتىز قىلىش، زامانىۋى مەدەنىيەت، زامانىۋى تەشەببۇس خاراكتېرىگە ۋە يېتەكچى خاراكتېرىگە ئىگە بولۇش.
مەدەنىيەت مىللەتنىڭ جان تومۇرى، روھى كۈچ مەنبەسى. مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خەلقنى تەربىيىلەش، جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان زامانىۋى مەدەنىيەت قانداق ئۇقۇم، ئۇ كىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، مەنبەسى، مەقسىتى نېمە؟
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ «زامانىۋى مەدەنىيەت» تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك تاللىشىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تېمىدا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشماقچى. ئۇ سۆزىدە «ئاتالمىش زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ھەرىكىتى خىتاينىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن روھىيەت تاجاۋۇزچىلىقى ھەرىكىتىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.
ئىلشات ئەپەندى مۇلاھىزىسىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش» تىن ئىبارەت كونا مەقسەت، يېڭى نامدىكى ئىدېئولوگىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى پىكىر ھەرىكىتى قوزغاشقا چاقىردى.