3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسىنىڭ بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا قارشىلىقى مۇنازىرە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.04.15
uch-3-yashliq-bala-bazar-bashqurush.jpg خىتاي بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن 3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى
Captured from video on Facebook.com

يېقىندا 3 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئۆز يايمىسىنى بۇزۇشقا كەلگەن خىتاي ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا غەزەپلىك قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى، سىڭلىسى ۋە ئانىسىنى باتۇرلۇق بىلەن قوغدىغانلىقى ھەققىدىكى سىنئالغۇ فىلىمى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر فىلىم تورداشلار ئارىسىدا ھەر خىل مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولدى. چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدىمۇ بۇ سىنئالغۇ فىلىمى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ۋە ئانالىزلار بېرىلدى.

مەزكۇر فىلىم كىشىنىڭ قەلبىدە ئىختىيارسىز ھالدا ئايىغى ئەمدىلا چىققان بىر بالىدىكى بۇ قەدەر غەزەپ ۋە جاسارەتنىڭ مەنبەسى نەدە؟ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىرى، گۈزەل بالىلىق ھاياتىنى ياشاشقا تېگىشلىك بولغان شۇ خىلدىكى ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرىغا قانداق پسىخولوگىيىلىك تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلاتتى.

يايما ئاچقان ئانىسىنىڭ تىجارىتىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاينىڭ بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا ئېتىلىپ، ھەتتا قولىغا توقماق ئېلىپ ئېلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن 3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى ھەققىدىكى مەزكۇر فىلىمنىڭ كۆرۈش قېتىم سانى تورغا چاپلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي نەچچە يۈزمىڭدىن ئاشتى.

تورداشلارنىڭ بەزىلىرى بۇ بالىنىڭ قارشىلىقىنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجراچىلىرىنىڭ يولسىزلىقىغا قارشى باتۇرلۇق روھىنىڭ ئىپادىسى» دەپ ماختىسا، بەزى خىتاي تورداشلىرى فىلىمدىكى ئۇيغۇر بالىسىنىڭ قارشىلىق روھىنىڭ «بىر مىليارد 300 مىليون خىتاي خەلقىگە ئۈلگە بولۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ياق دېيەلەيدىغان ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك» لىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بەزىلەر بۇ سىنئالغۇدىن «خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىرىكچىلىك غېمىدە تىرمىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان رېئاللىقنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن» دېيىشتى، مۇتلەق كۆپ قىسىم كۆرۈرمەنلەر بولسا 3 ياشلىق گۆدەكنىڭ بالىلىقتىكى شادلىقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ھالىتىدىن ئېچىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى مەزكۇر فىلىم ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا مەرىيلەن شتاتىدىكى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ماخەييۈن ئەپەندى،

ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەينەن مۇشۇ بالىدەك گۆدەك ياشتىكى ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن بالىلىق خۇشاللىقلىرىدىن مەھرۇم بولغان بۇ بالىغا قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى، كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ما خەييۈن ئەپەندى فىلىمنىڭ تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ: «فىلىم مېنى قاتتىق ئويلاندۇردى. بىرىنچىسى، فىلىمدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجراچىلىرىدىن بولغان بازار باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى رېئاللىق ۋە خەلقنىڭ قارشىلىق كەيپىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئىككىنچىسى، بۇ فىلىم ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت بويىچە ئېزىلىۋاتقان پاجىئەلىك ھاياتىنىڭ ئەينەن ئىپادىسى. ئەسلى 3 ياشلىق بالا ئاتا - ئانىنىڭ ھىمايىسىدە ياشىشى، ئاتا - ئانا ئۆز بالىسىنى قوغدىشى كېرەك ئىدى، ئەمما سىنئالغۇدا 3 ياشلىق گۆدەك بازار باشقۇرغۇچىلارغا قارشى تاياق كۆتۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىغا بولغان ھەرقانداق قارشىلىقى ‹تېررورلۇق› دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ باستۇرۇلۇۋاتقان شارائىتتا 3 ياشلىق گۆدەك ئەركەكلەرچە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاپىسى ۋە سىڭلىسىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان. مانا بۇ، بىزنى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدە قاتتىق ئويلاندۇرۇشى كېرەك بولغان جىددىي مەسىلە» دېدى.

ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، گېرمانىيەدىكى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى 3 ياشلىق گۆدەكنىڭ بۇ قەدەر غەزەپلىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىل ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تىرىكچىلىك يولىمۇ ئېتىلىۋاتقان، 3 ياشلىق گۆدەكنىڭ بالىلىق شادلىقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىپ، كىچىكىدىنلا ئۆز ئائىلىسى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل كەمسىتىش، باستۇرۇش ۋەزىيىتىدە يۈرىكىدە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ۋەزىيىتى كىشىلەرنى ئېچىندۇرۇش بىلەن بىللە، بۇ فىلىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە بولغان بىر خىل قارشىلىق روھى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇۋەلى ئەپەندى يەنە غەرب دۇنياسىدىكى ئەركىن، بەختلىك ئۆسۈۋاتقان بالىلار بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىرىكچىلىك غېمىدىكى ئاتا - ئانىسىنىڭ يايمىلىرى بىلەن بازار باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىسى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى زومىگەرلىكلىرى ئارىسىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىسىنىڭ قارشىلىق ھېسسىياتىنى پەقەت شۇ ھاياتنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن كىشىنىڭلا ھېس قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماخەييۈن ئەپەندى ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنى قاتتىق ئويلاندۇرغان يەنە بىر مەسىلە شۇ بولدىكى، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ‹مۇقىملىقنى قوغداش، تېررورلۇققا زەربە بېرىش› نامى ئاستىدا پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋالىدىغان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەخىرسىز توختىتىشى كېرەك، چۈنكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى قارشىلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئەڭ ئاساسىي ئامىل. ئەگەر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەت مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشسا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ، بۇ فىلىمنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان، پۈتكۈل مىللەت سۈپىتىدە باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ھاياتىنىڭ ئەڭ جانلىق دەلىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە جىددىي قاراشقا، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلدى.

https://www.facebook.com/icablenews/videos/498083347050405/

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.