ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ مائارىپى، قەدىمكى ئىزلىرى ۋە يەرلىكتىكى ئىجتىمائىي ھايات ھەققىدە بىر يېزا باشلىقى بىلەن سۆھبەت

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.03.05
Qarliq-tagh-Qomul-shehiri-Tomurti-kenti-1.jpg «قارلىق تاغ» دىن ئېقىپ كەلگەن غول ئېقىننىڭ قۇمۇل شەھىرى قىزىليار كەنتىدىن ئېقىپ ئۆتكەن بۆلىكى. 2008-يىل.
RFA/Qutlan

ئالدىنقى كۈنى ئاراتۈرك ناھىيەسى تۇخولو يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر ناھىيەنىڭ مۇھىت، بايلىق ۋە سۇ مەنبەلىرى جەھەتلەردە دۇچ كەلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

بۈگۈنكى زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۇ ئاراتۈرك ناھىيەسىدە «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئومۇملاشقانلىقىنى، ھەتتا ناھىيە ئەتراپىدىكى يېزىلاردىمۇ «قوش تىللىق يەسلى» لەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مەزكۇر ناھىيەدە «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ ئومۇملىشىش ئەھۋالىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 1996-يىلىدىن باشلاپ تاغلىق ناھىيە ئاراتۈركتىكى ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلار قۇمۇل شەھىرى ئەتراپىدىكى بوز دالا بىلەن ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ نوم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىككە كۆچۈرۈلۈشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ئەسلىدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى يېرىم دېھقانچىلىق ۋە يېرىم چارۋىچىلىق ئىگىلىك شەكلىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، قەدىمىي كەنت-مەھەللىلەردىكى ئەنئەنىۋى ھايات تارقاقلاشتۇرۇلغان. تۈزلەڭلىكتىكى ئېچىش رايونلىرىدا يېڭىچە ئىگىلىك ۋە ھايات شەكلى پەيدا بولۇشقا باشلىغان.

زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۇ يەنە تۇخولو يېزىسى تەۋەسىدىن بايقالغان ئادەم بىلەن ئات ھەمدەپنە قىلىنغان قەدىمكى قەبرىلەر ۋە ئۇنىڭ قېزىلىش ئەھۋالى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى بەردى.

ئاخىرىدا ئۇ ئاراتۈرك ناھىيەسىدە يەرلىك خەلقنى سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ئاتالمىش «كىچىك ئالما ئۇسسۇلى» ئويناشقا سالىدىغان ئىشلارنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنى يەرلىك خەلقنىڭمۇ قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.