ب د ت 54-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلامدۇ؟

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2023.09.14
volker-turk-wolker-turk.jpg ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك(Volker Türk) ئەپەندى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 11-سېنتەبىر، جەنۋە.
media.un.org

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54-نۆۋەتلىك يىغىنى 11-سېنتەبىر جەنۋەدە باشلاندى. 13-ئۆكتەبىرگە قەدەر داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھەر يىلى ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ خىلدىكى يىغىنلاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن ئىدى.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «كۆلىنلىكلەرنىڭ شەھەر كۆرسەتكۈچى» ناملىق كۈندىلىك گېزىت 11-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ب د ت ئالىي كومىسسارىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىشى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك تېمىدا مۇنداق دېگەن: «بولۇپمۇ خىتاي يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىنى پۇقرالىق ھەقلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ سىياسىي ھەقلىرىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. بۇ دېگەنلىك، دۆلەت نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا، پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇش، دېگەنلىكتۇر. بۇ خىل پارچىلاش ئېڭى، رېئاللىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغان ئىدىيەۋىي مەھسۇلاتتۇر. ‹دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق باياناتى›دا بۇ خىل ئايرىش ياكى دەرىجىگە بۆلۈش مەۋجۇت ئەمەس. 75-يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى دەۋردە، بىزنىڭ يەنىلا ئەسلى يادروغا قايتىشىمىز زۆرۈر بولماقتا.»

خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، ۋولكېر تۈرك سۆزىدە يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قولغا ئېلىشىنى ئەيىبلىگەن. بىراق ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇھىم تېما سۈپىتىدە ئەتراپلىق تىلغا ئالماي، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىغا ئۇچرىغان.

«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى 14-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلتىيى: خىتاي خوڭكوڭدىكى دۆلەت خەۋىپسىزلىكى قانۇنىنى ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلمىدى، ئاۋسترالىيە ۋە گوللاندىيە يەنىلا ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، گەرچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تېخى كۈنتەرتىپكە كەلمىگەن. ئاۋسترالىيە ۋە گوللاندىيە ۋەكىللىرى 13-سېنتەبىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ خوڭكوڭدا يولغا قويغان «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نىڭ پۇقرالارغا تەھدىت ۋە تەقىب پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چىن شۈ ئۇلارغا رەددىيە قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتنىڭ ۋەزىيىتىدە زور تەرەققىياتلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭدىكى قالايمىقان ۋەزىيەت تۈزۈلۈپ، زور بۇرۇلۇشنىڭ روياپقا چىققانلىقى، بۇنىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ ئىزچىل تەرەققىياتىغا ئاساس سالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ھەر يىلى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بۇ يىلمۇ يەنە تىلغا ئېلىنىشى مۇمكىنمۇ؟

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنىدا سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى پاش قىلىپ كەلگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە ھالغا كەلگەن.

«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلتىيى: خىتاي خوڭكوڭدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلمىدى، ئاۋسترالىيە ۋە گوللاندىيە يەنىلا ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا لائۇس، ئېكۋاتور ۋە ۋېنسۇئېلادىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ زەئىپ دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينى قوللاپ سۆز قىلغان. ئۇلار سۆزىدە، «شىنجاڭ، تىبەت، خوڭكوڭ مەسىلىسى» نى تۇتقا قىلىۋېلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ خاتالىق بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقان.

يىللاردىن بۇيان ب د ت دا پائالىيەتلەر قىلىپ كەلگەن د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ ب د ت دىكى بۇ قېتىمقى پائالىيىتى ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردىن باشلاپ قانات يايىدىكەن. ئۇلار ب د ت دا پاراللېل يىغىنلارنى ئۆتكۈزىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.