ب د ت دا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە تالاش-تارتىش قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.03.14
omer-bakali-bdt-guwahliq.jpg ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى(سەھنىدىكى سولدىن ئىككىنچى) ب د ت دا چاقىرىلغان جازا لاگېرلىرىغا ئائىت يىغىندا گۇۋاھلىقتىن ئۆتمەكتە. 2019-يىلى 13-مارت، جەنۋە.
RFA/Ekrem

ئۆمەر بېكئالى ب د ت دا چاقىرىلغان جازا لاگېرلىرىغا ئائىت يىغىندا گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى ۋە خىتاي ۋەكىللىرىگە رەددىيە بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 13-مارت ب د ت دا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى قوغداش تېمىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان دوكلات تەقدىم قىلىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن.

يىغىنغا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ھەمدە دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ خادىملىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

بۇ يىغىن ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ب د ت دا ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى قېتىملىق ئالاھىدە جىددىي يىغىنى بولۇپ، يىغىندا مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ 14-مارت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىن كەسكىن تالاش-تارتىش ئىچىدە داۋام قىلغان.

يىغىنغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەلچىسى كېللى كۇررې خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان. ب د ت دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە دوكلات خادىمى دوكتور ئەھمەت شەرىف، مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئادرېئان زېنس، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خادىمى جون فىشەر قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلىگەن. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان قازاق زىيالىيسى ئۆمەر بېكئالى گۇۋاھلىق بەرگەن.

بۇ يىغىنغا د ئۇ ق ۋەكىللىرىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر جازا لاگېرلىرى توغرىلىق دوكلات تەقدىم قىلىپلا قالماي، ئامېرىكا باشلىق بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ ئەلچىلىرى سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلغان.

يىغىندا قازاق زىيالىيسى ئۆمەر بېكئالى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن قىسمەتلەرنى بايان قىلىپ، گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئەمما خىتاي ۋەكىللىرى ئۆمەر بېكئالىنىڭ گۇۋاھلىقىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەپ «تېررورچى» دېگەن تۆھمەتنى چاپلىغان. ئۆمەر بېكئالى نەق مەيداندا رەددىيە قايتۇرۇپ، خىتاي ئەلچىلىرىنىڭ ساختىپەزلىكىنى پاش قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىغىندا بىر ھازا تالاش-تارتىش بولۇپ ئۆتكەن.

بىز بۈگۈن سەپەر ئۈستىدە بولغان ئۆمەر بېكئالىنى زىيارەت قىلىپ ب د ت دا بولۇپ ئۆتكەن كەسكىن تالاش-تارتىشلار توغرىلىق ئۆز ئاغزىدىن سۆز ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولساقمۇ، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ب د ت دا يەنە بىر قېتىم ئېچىپ تاشلىغانلىقى، ئۇيغۇر تەرەپدارلىرىنىڭ خىتاينى مەغلۇپ قىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندى سۆزىدە «ب د ت دا خىتاي ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇق،» دېگەن ئىبارىگە ئورۇن بەردى.

13-مارت ئېلان قىلىنغان «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دىكى مەلۇماتتا تىلغا ئېلىنىشىچە، بۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئامېرىكا ئەلچىسى كەللەي خانىم سۆزىدە ب د ت نى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىشقا، ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.