دولقۇن ئەيسا: «ئۇيغۇرلار مەركىلدىن نىمىنى كۈتىدۇ؟»
2021.04.23

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار مېركىلدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟» ناملىق ماقالىسى زور تەسىر قوزغىدى.
21-ئاپرىل گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلار مېركىلدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا كەسكىن بىر پوزىتسىيەدە جانلىق ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى ئەيىبلەنگەن ئىدى.
ماقالە مۇنداق باشلانغان: «ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت شۇنچە كۆپ دەلىللەرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىغا قارىماي، فېدىراتىپ ھۆكۈمەت خىتاينى پەقەت ئېھتىياتلىق ئىبارىلەر ئارقىلىق ئەيىبلەپ قويۇش بىلەنلا چەكلەندى. ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن باش مىنىستېر ئانجىلا مېركىل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئۆتكەن يىلى دېكابىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالماي كەلگەن ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.»
ماقىلىدە 2017-يىلىدىن باشلاپ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ ئېغىر ئازابلارغا مۇپتىلا قىلىنغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك، تەن جازاسى، روھىي زەربىلەر، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە ھەر تۈرلۈك ئىرقىي، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرى ھەمدە ئۇيغۇر سەبىيلىرى يولۇقىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن ئىدى.
ماقالىدە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكچىسى سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان گېرمانىيەنىڭمۇ ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيەلەرگە ئوخشاش خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇپ، ياۋروپا ئەللىرىگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپىئەت تۈپەيلى بۇ قەدەمنى باسالمىغانلىقى، نۇرغۇنلىغان گېرمان شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا تىجارەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان زۇلۇملارغا داۋاملىق شېرك بولىۋاتقانلىقى، مېركىلنىڭ ھوقۇق دەۋرى ئاخىرلىشىدىغان بۈگۈنكى بۇ مەزگىلدە بولسىمۇ ئادالەت ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرۇشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.
«ئۇيغۇرلار مېركىلدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن مەزكۇر ماقالىنى يېزىشقا تۈرتكە بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە تارىختا «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بەرگەن ماكانى» ۋە «قايتا تەكرارلانمايدۇ» شۇئارى پەيدا بولغان بىر زېمىن بولغان گېرمانىيەنىڭ بۈگۈنكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا سۈكۈت قىلىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئەخلاقسىزلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
21-ئاپرىلدىن باشلاپ گېرمانىيەدىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى «ئۇيغۇرلار مېركىلدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟» ناملىق ماقالىنى بەس-بەستە كۆچۈرۈپ تارقاتتى. «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان «د ئۇ ق گېرمانىيەنى شىنجاڭ مەسىلىسىدە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا دەۋەت قىلدى» ناملىق خەۋىرىنى «د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭ مەسىلىسىدە خىتاينى ئاشكارە تەنقىدلەشنى خالىمىدى دەپ ئەيىبلىدى، ئۇ بېرلىننى مەيدانىنى ئوچۇق-ئاشكارىلاشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ يەنە گېرمان شىركەتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزىغا شېرىك بولماقتا دەپ تەنقىتلىدى» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن باشلىغان.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «ئۇيغۇرلار مېركىلدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟» ناملىق ماقالىنىڭ گېرمانىيەدە پەيدا قىلغان تەسىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى، د ئۇ ق رەئىسىنىڭ ئۆز ماقالىسىدا بۇ نۇقتىنى ئوچۇق گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.