ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا تەتقىقاتچىسى ئەلىس ئاندېرسوننىڭ 2018-يىلدىكى ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتى (2)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.03.18
Elise-Anderson-duttar.jpg نۆۋەتتە ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا ۋە فولكلور تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئەلىس ئاندېرسون خانىم دۇتار بىلەن ناخشا ئورۇنلىماقتا. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Social Media

ئەلىس ئاندېرسون: «مۇقام يۇرتى يەكەندە پەقەت 3 سائەتلا تۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلىندى»

نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا ۋە فولكلور تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئەلىس ئاندېرسون خانىم 2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 2012-2013-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى ساداسى» ناملىق ناخشا مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئەينەن ۋە راۋان ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «نازاكەت» دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئەلىس ئاندېرسون خانىم يەنە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر رايوندا قۇرۇلغان جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان غەربلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەلىس ئاندېرسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ 2018-يىلى 6-ئايدىكى ئىككى ھەپتىلىك ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىدە يەكەن، قەشقەر، قۇمۇل تۇرپان قاتارلىق قاتارلىق جايلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ۋە بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى كۆرۈش ئۈچۈن بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر دىيارى سەپىرى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا قىيىن بىر سەپەر بولغان. بۇ قېتىم ساقچىلارنىڭ يول توسۇپ تەكشۈرۈشى قاتتىق بولغان، ئۆزى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان مەنزىرىلەرنى كۆرۈش ئىنتايىن مۈشكۈل بولغان. شۇنداقتىمۇ بۇ جەرياندا ئۇ كۆرگەن ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدا يەنىلا چوڭقۇر ۋە ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرغان.

ئەلىس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2012-يىلدىن 2016-يىلغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر مۇقامىنى ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان مەزگىللەردە «مۇقام يۇرتى» دەپ تەرىپلىنىدىغان يەكەنگە بىرقانچە قېتىم تەكشۈرۈشكە بارغان ئىكەن. شۇڭا ئەلىس ئاندېرسون خانىم بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىن باشلىنىدىغان ئۇيغۇر دىيارى ساياھىتىنىڭ 2-بېكىتىنى يەكەن دەپ بېكىتكەن ۋە ئايروپىلان بىلەن قەشقەرگە چۈشكەن كۈننىڭ ئەتىسىلا «مۇقام يۇرتى» يەكەنگە ئاتلانغان.

ئەمما ئەلىس خانىمنىڭ يەكەن سەپىرى باشلىنىش بىلەنلا ئۇ ھەر خىل توسالغۇلارغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم ئۇ قەشقەردىن مەخسۇس ماشىنا كىرا قىلىپ، 4 سائەتتىن ئارتۇق يول مېڭىش جەريانىدا 6-7 جايدا ساقچىلارنىڭ يول توسۇپ تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلگەن. يەكەنگە يېقىنلاشقانسېرى ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭدىن ۋە سەپەردىشىدىن سورايدىغان سوئال-سوراقلىرى بارغانچە كۆپەيگەن.

يەكەنگە كىرىش ئېغىزىدىكى ئاخىرقى تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگىنىدە بولسا ساقچىلار ئۇلارغا ئالدىنالا ھەر خىل ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرگەن. يەكەننى زىيارەت قىلسا بولىدىغانلىقى، ئەمما يەكەندە ياتاق ئېلىپ قونۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ساقچىلار يەنە ئۇنىڭ ۋە دوستىنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ئېغىر يۈكلىرىنى پويىز ئىستانسىسىدىكى يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى ساقلاش ئورنىغا ساقلاشقا بەرسە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ كۈنى كەچتە قەشقەرگە قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىر كۈن ئىچىدە قەشقەردىن يەكەنگە كېلىش سەپىرىدە 4 يېرىم سائەت، كېتىش سەپىرىدە 5 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، يەكەندە ئاران 3 سائەتلىك ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەلىس خانىم يەكەن زىيارىتىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 2 ھەپتىلىك زىيارىتىدە ۋاقتى ئەڭ قىسقا زىيارەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەكەندە 3 سائەت ئىچىدە بېشىدىن كەچۈرگەن جىددىي ھەم ھاياجانلىق قىسمەتلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ يەكەن سەپىرىدىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.