ئەركىن سىدىق: «خىتاينىڭ ‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى قوغدىلىۋاتىدۇ› دېگىنى قىپقىزىل يالغان»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.11.16
Dr-Erkin-sidiq-muxbirimiz-sohbet.jpg دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2013-يىلى ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 15-نويابىر كۈنى «شىنجاڭدىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ قوغدىلىشى ۋە تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، «رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلى، مائارىپى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنىڭ ياخشى قوغدىلىپ كېلىنىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابى نۆۋەتتە مىليونلارچە ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ئاتالمىش «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان، رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە خىتاي مەدەنىيەت كىملىكى مەجبۇرى تېڭىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت پاكىتلار بارغانچە ئاشكارىلىنىۋاتقان ۋە بۇ ئەھۋال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىش تەكىتلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب ئەمەلىيەتتە رايوندىكى باستۇرۇش ۋەزىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈنلا تۈزۈپ چىقىلغان ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالمىش «نەتىجىلەر» ئەمەلىيەتتە ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق ئىكەن.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى ۋە رايوندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىلىشى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۈتۈنلەي چەكلىنىشى شۇنداقلا مىللىي خاسلىقىغا ئىگە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلىشى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە دىنىي ئۆلىمالىرىنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى، لاگېرلارغا قامالغانلىقى، ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىپ، ئاق تاشلىق كىتابتا دېيىلگەن «رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلى، مائارىپى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنىڭ ياخشى قوغدىلىپ كېلىنىۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى بايانلارنىڭ «قىپقىزىل يالغانچىلىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ‹ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىل ۋە يېزىقىنىڭ كەڭ-كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى› دېگەن 2-ماددىسىدا، خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر تىلىنىڭ چەكلىنىپ، خىتاي تىلى ۋە مائارىپىنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە مەجبۇرى تېڭىلىش يۈزلىنىشىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجى ئۈچۈن كۆپ خىل ئۇسۇل ۋە شەكىلدە دۆلەت تىلى ۋە يېزىقىدا تەربىيىلەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلدى. 2013-يىل ‹دۆلەت تىلى بويىچە تەربىيىلەش لايىھىسى› ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلانغان ناھىيىلەردە ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك يارىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن 2017-يىلدىن باشلاپ دۆلەت تىل-يېزىقىدا تەربىيىلەش خىزمىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى،» دېيىلگەن.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي تىلى ۋە خىتاي مائارىپىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە مەجبۇرى تېڭىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بايانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى دەسلەپ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا، كېيىن ئالىي مەكتەپلەر، ھەتتا باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پەيدىن-پەي چەكلەپ، ئەڭ ئاخىرى 2017-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنىڭ ھەتتا يەسلىلەردىمۇ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. .

ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە ئاق تاشلىق كىتابتا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان «رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا دىنىي ۋە مەدەنىيەتكە ئائىت كىتابلارنى نەشر قىلىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىغا ئائىت ئەسەرلەر قوغدالدى» دېگەن ئىبارىلەرنى «قىپقىزىل يالغانچىلىق» دەپ تەنقىدلىدى. 

ئۇ بايانىدا لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئىدىيىسى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئاۋام خەلقنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كىتاب-ماتېرىياللارنى ساقلىغانلىقى، ئۆيىدىن «قۇرئان» ۋە باشقا دىنىي كىتابلار تېپىلغانلىقى، قول تېلېفون ۋە كومپىيوتېرلىرىدا دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار بايقالغانلىقى ئۈچۈنلا جازالانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.