ئەركىن تۇنىيازنىڭ ياۋروپادا نېمە ئىشى بار؟

0:00 / 0:00

ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا ئەركىن تۇنىيازنىڭ تېخى باشلانمىغان زىيارىتى ھەققىدە بەس-مۇنازىرىلەر باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ياۋروپادىكى زىيارىتىنى تېخى باشلىماي تۇرۇپلا مەتبۇئاتلاردا بۇ «قارشى ئېلىنمايدىغان مېھمان» غا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلار باشلىنىپ كەتتى. خەۋەرلەردە ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكى، IPAC (خىتايغا قارشى پارلامېنتلار بىرلىكى) نىڭ ھۆكۈمەتكە كۈچلۈك نارازىلىقلار بىلدۈرگەنلىكى، ئەنگلىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قارا تىزىملىك» كە ئېلىنغان بۇ خىتاي ئەمەلدارىنى قولغا ئېلىپ، سوتقا تارتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

BBC تورى 10-فېۋرال ئېلان قىلغان «ئەركىن تۇنىياز: ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتتىن شىنجاڭ ئەمەلدارىنىڭ زىيارىتىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى» ناملىق خەۋەردە يۇقىرىقى مەزمۇنغا كەڭ ئورۇن بەرگەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئەنگىلىيەدىكى زىيارىتىنى 12-فېۋرال باشلايدىكەن. بىراق ئۇ دۆلەت ئەربابلىرى قاتارىدا كۈتىۋېلىنمايدىكەن ھەمدە ئەنگىلىيەدىكى مىنىستېرلار ياكى دۆلەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەيدىكەن. ئەمم ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ بەزى ئەربابلىرى كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان باستۇرۇشلارغا بولغان «غەزەپ-نەپرەت» لىرىنى ئوچۇق بايان قىلىدىكەن.

9-فېۋرال ئىتالىيەنىڭ «چۈمۈلە» ئاخبارات تورىدا ئېلان قىلىنغان «بېريۇسسېلدا كىم شىنجاڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ؟» ناملىق خەۋەرگە قارىغاندا، ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىدىن كېيىنكى ياۋروپا سەپىرى 19-فېۋرالدىن 21-فېۋرالغىچە بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا داۋام قىلىدىكەن. ئەركىن تۇنىياز بۇ يەردە گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشەلمىسىمۇ، خىتايغا ماھىل بولغان ۋېنگىرىيە، گېرتسىيە، مالتا ۋە سىپرۇسنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.

9-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ «Table Media» قانىلىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ رەئىسىنىڭ ياۋروپا زىيارىتى كەسكىن رەت قىلىندى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەركىن تۇنىيازنىڭ ياۋروپا سەپىرى يالغۇز IPAC ۋە بەزى ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتتىق غەزەبلىرىنى قوزغاپلا قالماي، ياۋروپادىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتىدا، ھەتتا ياۋروپا پارلامېنتىدىمۇ كەسكىن بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان. چۈنكى ئەركىن تۇنىياز جازا لاگېرلىرىغا قامالغان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىغا مەسئۇل بىر شەخس ئىكەن.

ئۇ ھالدا، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىغا مەسئۇل بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ياۋروپا تۇپراقلىرىدا نېمە ئىشى بار؟

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن، يەنى 10-فېۋرال بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئەركىن تۇنىيازنى «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ باش رولچىلىرىدىن بىرى» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەركىن تۇنىياز ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ باش ئىجراچىلىرىدىن بىرى بولغان جىنايەتچى شەخس ھېسابلىنىدىكەن، شۇنداقلا دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ شەخسنىڭ ياۋروپانى زىيارەت قىلىشقا يول قويۇشى، ئۇلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا نىسبەتەن ھاقارەت بولۇپلا قالماي، ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قوبۇل قىلغان قارارلىرىغىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىكەن.

تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەركىن تۇنىيازنى ياۋروپا تۇپراقلىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇشتىكى غەرەزلىرى ھەققىدە توختالغاندا، بۇنىڭ 2-ئاينىڭ 15-16-كۈنلىرى جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن تۇنىيازنى ياۋروپاغا چىقىرىشتىكى مەقسىتى بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چاپان يېپىشقا، ئۇنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىشقا سېلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئەركىن تۇنىياز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ب د ت نىڭ يىغىنلىرىغا قاتناشتۇرۇپ سۆزلىتىشكە تاللىغان تۇنجى يۇقۇرى ھوقۇقلۇق ئۇيغۇر ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ 2019-يىلى 6-ئايدا ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە چاقىرىلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشقاندا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئاقلاپ، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» نى ماختاپ سۆز قىلغان ئىدى.