جوش روگىن ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى «ئېتنىك تازىلاش» دەپ ئاتىدى
2018.08.06

ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئاخباراتلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا. 2-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان مەخسۇس ئىستۇن يازغۇچىسى جوش روگىن «خىتاي ‹ئېتنىك تازىلاش› نى قايتۇرۇپ كەلدى» ناملىق بىر ئوبزور ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ ئوبزورىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالدى.
جوش روگىن ئوبزورىنى مۇنداق باشلىغان: «ئەگەر خىتايدا ئېتنىك تازىلاش يۈز بەرگەن بولسا ۋە ئۇنى ھېچكىم ئاڭلىمىغان بولسا ئۇ ھالدا بىز ئۇنى يۈز بەرمىدى دەپ قارامدۇق؟ مانا بۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىچىدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ دىن ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن قاماقخانا تورلىرىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى سىستېمىلىق ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقاندا سورىلىۋاتقان سوئالدۇر. ئۆتكەن يىلدىن بىرى خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدا يۈز مىڭلىغان، بەلكىم مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىقلار ئادالەتسىزلىك بىلەن تۇتقۇن قىلىندى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ‹قايتا تەربىيىلەش مەركىزى› دەپ ئاتاۋاتقان جايلارغا سولاندى. مىڭلارچە كىشى يوقاپ كەتتى. مەھبۇسلارنىڭ قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئائىت ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بار. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى «تېررورلۇق» ۋە «دىنى ئەسەبىيلىك» كە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزىنى خىتاينىڭ دىنى ۋە مىللىي ئەركىنلىكلىرىگە قىلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، دەيدۇ. خەلقئارا جامائەت بولسا ھازىرغىچە بۇ ۋەزىيەتكە ئاساسەن سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شۇنچە قورقۇنچلۇق بولغان بۇ لاگېرلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلارنىڭ پەقەتلا بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت، خالاس. خىتاي ھۆكۈمىتى مىڭلىغان ئىبادەت ئورۇنلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇزۇن ساقالنى ۋە ئىسلامچە ئىسىملارنى چەكلىدى. مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ دىنى پەرھىزلىرىگە خىلاپ ھالدا چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىگۇناھ كىشىلەرنى جازالاشنى ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىنمۇ كېيىنمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مېيىتنى دەپنە قىلىش ئادىتىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى قۇرماقتا.»
ئوبزورچى جوش روگىن ماقالىسى داۋامىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كۈندىلىك ھاياتىنىڭ ھەر بىر قىسمىغىچە كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بۇ زۇلۇمىنى ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىستانسىمىزنىڭ گۈلچېھرە قېيۇم قاتارلىق 6 نەپەر مۇخبىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.
جوش روگىن يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بېيجىڭ ئەھۋالنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، لاگېرلار ھەققىدىكى تاغدەك ئىسپاتلار ئاخىرى تاشقى دۇنياغا تارقىلىش ئىمكانىغا ئېرىشتى. غايەت زور كۆلەمدىكى لاگېر قۇرۇلۇشلىرىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان رەسىملەردىن كۆرگىلى بولىدۇ. يېڭى لاگېر قۇرۇلۇشلىرىغا ئائىت قۇرۇلۇش توختام ئېلانلىرى توردا ئوچۇق-ئاشكارا چاپلانغان. شاھىتلارمۇ ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى دېدى. ئەمما دۇنيادىن ئوخشاشلا ئىنكاس يوق.»
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، دۇنيادىن كېلىۋاتقان ئىنكاسنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى، شۇڭا بۇنداق ماقالىلەرنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدا ئىنتايىن كەڭ تارقىلىدىغان مۇھىم گېزىتتە ئورۇن ئالغان بۇ ماقالىنى بۇ مەسىلىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى شۇنچە جىددىي بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ دىققىتىنى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇنداق ماقالىلەر بەك مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە جوش روگىن ماقالىسىدە ۋەزىيەتنى شەرھىلەش ئۈچۈن ئىنتايىن توغرا تېرمىنلارنى قوللانغان. ئالدى بىلەن ئۇ رايوندىكى ۋەزىيەتنى قورقۇنچلۇق دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلىگەن. يەنە كېلىپ ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنى ۋە ‹يېپىق تەربىيە› لاگېرلىرىنىڭ مەقسىتىنى ‹ئېتنىك تازىلاش› دەپ باھالىغان. دەرۋەقە، لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقانلارغا ئائىت بىزگە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى خىتايلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.»
ئوبزورچى جوش روگىن ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقانلارغا قارىتا يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىدە بىر قىسىم ئىنكاسلار قوزغالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «ترامپ ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى بولسا ئاخىرى سۈكۈتىنى بۇزغاندەك قىلىدۇ. ئۆتكەن ھەپتىدىكى دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يېغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان كەللې كۇررى گۇۋاھلىق بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتى دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشقا، دىن ۋە مىللەتنى خىتاي جەمئىيىتىگە ئۆزگەرتىپ سىڭدۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ كۆلىمى ماۋزىدوڭنىڭ ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› دىنمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئىنساننى چۆچۈتىدۇ، دېدى. . .، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئامېرىكا شېركەتلىرىنى خىتايغا د ن ئا تېخنىكىسى ۋە نازارەت سىستېمىلىرى قاتارلىق بېسىم سىياسەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى توختىتىشقا چاقىردى.»
جوش روگىن ئوبزورىدا ئامېرىكىنىڭ قولىدا «ماگنېتسكى قانۇنى» بارلىقىنى، بۇ قانۇننى خىتايغا قارشى ئىشقا سالسا بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا سېناتورى ماركو رۇبىيونىڭمۇ «ماگنېتسكى قانۇنى» نى ئىشقا سېلىش ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكىدەك چاقىرىق قىلغان: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ئابرۇيىغا قاتتىق دىققەت قىلىشى ئۇنىڭ ئاجىزلىقىدۇر. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي قىلمىشلىرىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاش ۋە بېجىڭنى بىۋاسىتە سازايى قىلىش ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق ئىشلار خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر خەلقئارالىق مەسىلە. خىتاي ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئورنىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشىنى توسماقتا ۋە ھەتتا خەلقئارا ئىنسان ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى قايتا يېزىپ چىقىپ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئالدىنقى ھەپتىدىكى سۆزىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىدە دىنى ئەركىنلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. چۈنكى دىنى ئەركىنلىك پەقەت ئامېرىكىلىقلارنىڭلا ھوقۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بېرىلگەن ئۇنىۋېرسال ھوقۇقتۇر، دېدى. ئەگەر شىنجاڭدىكى ئېغىرلىشىۋاتقان ۋەزىيەتكە ئامېرىكا قاراپ تۇرۇۋەرسە، يۇقىرىدىكى سۆزلەر بىر تىيىنگە ئەرزىمەيدۇ. بىز كۆزىمىزنى قاچۇرالىشىمىز مۇمكىن، ئەمما يەنە بىر قېتىم بىز بىلمەي قاپتۇق، دېيەلمەيمىز.»
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېچىكىپ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئېلىپ خىتاينى ئەيىبلەشنى باشلىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دېموكراتىك ياۋروپا ئەللىرىدىنمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش ھەرىكەتنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.