فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس مارى ھولىزمان: خىتاي ئۆزىگە دۈشمەن ياراتماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.01.13
urumchi-herbiy-basturush-2013.jpg خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرگۈزگەن برونېۋىكلىرى. 2013-يىلى 29-ئىيۇن.
AFP


خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان مىللىي سىياسىتى غەرب كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى بارغانسېرى كۈچلۈك جەلپ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ياتاق ياكى ئىجارىگە ئۆي بەرمەسلىك قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا.

«بوشۈن تورى» 13 - يانۋاردىكى خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسى نەننىڭ شەھىرىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ،«ئۇيغۇرلارغا ئۆي ئىجارىگە بەرمەسلىكنى، تىغلىق سايمانلار، يېنىشچان ماددىلار، بېنزىن ۋە سۇلفات كىسلاتاسىغا ئوخشاش كىشىلىك بىخەتەرلىككە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ماددىلارنى ساتماسلىقنى، ئۇيغۇرلارنى ئۇچراتقان ھامان ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلارغا مەلۇم قىلىش» نى تەشۋىق قىلغان. بۇندىن ئىلگىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىمۇ ئوخشاش مەزمۇندىكى تۈزۈملەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى ئاشكارا بولغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى، «خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە باغلىق مەسىلە» دەپ قارىماقتا.

مەلۇمكى، 11 - يانۋار ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 4 - ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلىپ، ئۇنىڭ خەۋىرى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «پارلاق كېلەچەك ياراتقۇسى يېڭى بىر مىللىي سىياسەت» سىياقىدا كەڭ تارقىتىلىشقا باشلىدى.

12 - يانۋاردىكى «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا خەلق ھۆكۈمىتى رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ تىلى ئارقىلىق «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلەيمىز.» دېيىلگەن.

غەرب كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتى بولسا، خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسەت ھەم ئۇنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىگە بارغانسېرى جىددىي مەركەزلەشمەكتە.

ياۋروپا بىرلىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خادىمى ئۇلرىك ھىللەر خانىم ئۆتكەن ئاي برېمىن پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر، تىل، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، تېررور قالپىقى بىلەن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى، كەمسىتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ھەممىمىزنىڭ مەلۇماتى بار. خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىدىغان ۋاقتى كەلدى. مىللىي توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش. ئۇيغۇرلار رادىكال قارشىلىقلارغا مەجبۇرلانماسلىقى لازىم.»

1988 - يىلى ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ھەم تىبەت سىياسىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان فىرانسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خىتايشۇناس مارى خولىزمان خانىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان مىللىي سىياسەت ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا «خىتاي ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئۆزىگە ھەر تۈرلۈك دۈشمەن ياراتماقتا» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىنىڭ تۈپتىن خاتا يۆنىلىشتە كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ شۇلارنى تىلغا ئالدى: «مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىغا پۈتۈنلەي قارشى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان بوغۇش خاراكتېرلىك سىياسىتى پۈتۈنلەي خاتا. خىتاي ھاكىمىيىتى تۈرلۈك - تۈمەن ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىنى ئۈزۈل - كېسىل خىتايلىشىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىلى، مەدەنىيىتىنى دەپسەندە قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىگە 100% ئىشىنىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىراق، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر ئۆز ئېتىقادىدىن، مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشنى ئەسلا خالىمايدۇ. بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن چۈشىنىشلىك.»

مارى خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، خىتاينىڭ قىلمىشلىرى گويا ئۆزىگە ھەر تۈرلۈك دۈشمەن يارىتىشقا تېرىشىۋاتقان كەبى. يالغۇز ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر دائىرىسىدىلا ئەمەس، ئۆز خەلقىنىمۇ ئۆزىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ. 2005 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى چېركاۋلارنىڭ كرېست بەلگىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش ھەرىكىتى قوزغىدى. نۇرغۇنلىغان چېركاۋلارنى كۆزدىن يوقاتتى. بۇنى، دۈشمەن يارىتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى دېيىش مۇمكىن. ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆرپ - ئادىتىگە مۇناسىپ رەۋىشتە دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمىساڭ، ئۇنىڭ سېنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋېلىشى تۇرغانلا گەپ. تېخى بىرقانچە كۈن ئىلگىرى خۇنەندىكى بىر ئىشچى ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەققىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن غەزەپلىنىپ، بىر كوچا ئاپتوبۇسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. بىز خىتاينىڭ ئۆزىگە دۈشمەن يارىتىش قىلمىشلىرى ھەققىدە بۇنداق مىساللارنى كۆپلەپ كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز.»

مارى ھولىزمان خانىم خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدىن نارازى بولۇپلا قالماي، ئۆزىنىڭ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن، خىتاي خەلقىگە تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىدىنمۇ نارازى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ شۇلارنى ئەسكەرتتى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەقلىرىگە ئېرىشىشىنى، يەنى ئىش ھەققى، ئىززەت - ھۆرمىتى، بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى ئۇلار ھوقۇقسىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا قوغدىمايدۇ. بۇ ھەق - ھوقۇقلارنى پۇقرالارغا ئەمەس، بەلكى ئەمەلدارلارغا، پۇلدارلارغا، ئۆزلىرى بىلەن ياخشى ھەمكارلاشقانلارغىلا مەنسۇپ، دەپ تونۇيدۇ. باشقىلار ئۇنىڭ دۈشمىنى. سانىنى مەن ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاستا - ئاستا يۈزلىشىدىغىنى، بەلكىم بىر مىليارد دۈشمەن بولۇشى مۇمكىن، يەنى ئاددىي خىتاي خەلقىنىڭ ھەممىسى كېلەچەكتە ئۇنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.»

مارى ھولىزمان خانىمنىڭ قاراشلىرىنى ئورۇنلۇق سانىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى خاتالىقلىرىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي سىياسىتىنىڭ مۇقامىنى قانداقلا ئۆزگەرتمىسۇن، قارشى ئىدىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىدە يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.