گېرمانىيەدىكى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلدىمۇ؟

بېرلىندىن ئوبزورچىمىز ئابلەت سەمەت تەييارلىدى
2024.04.30
xitay-bayraq ئايرىم ئەھۋالمۇ ياكى ياۋروپاغا قىلىنغان كەڭ كۆلەملىك جاسۇسلۇق ھۇجۇمىمۇ؟
Reuters

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىزنىڭ 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە داۋاملاشقان ۋە نەتىجىسىز ئاياغلاشقان خىتاي زىيارىتى، بۇ سودا سەپىرىدىن ئۈمىد كۈتكەن گېرمانىيەدىكى چوڭ سانائەت كارخانىلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ نارازىلىق ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى بولۇپ قالدى. باش مىنىستىر ئولاف شولىز (Olaf Scholtz)، مەزكۇر سەپەر ھەققىدە تېخى بىر ئاشكارا ئىنكاس بىلدۈرۈشكە ئۈلگۈرمەستىنلا، دەسلەپ خىتاي ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى پائالىيەتلىرى، ئارقىدىن خىتاي سانائەت ۋە تېخنىكا جاسۇسلىرىنىڭ گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغىچە سوزۇلغان قارا قوللىرى بايقىلىپ، 3 نەپەر گېرمانىيە پۇقراسى قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرى تارقالدى. بۇ ۋەقەگە ئۇلىنىپلا خىتاي بىلەن يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان گېرمانىيەدىكى مىللەتچى پارتىيە - «گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتىرناتىپ پارتىيەسى»(AfD) نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىدىكى ئەزاسىنىڭ بىر يېقىن خىزمەتچىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتايغا ئىشلەپ كەلگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ پۈتۈن دۆلەت ۋە ياۋروپا مىقياسىدا چوڭ ئەندىشە پەيدا قىلدى. ھەر ئىككى ئورۇندىكى جاۋابكارلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن بۇ قېتىم بۇ قىلمىشلارغا بىۋاسىتە جاۋابكار خىتاينىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ ئادەملىرىنى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى. ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىقىغا چاقىرىپ، جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈردى.

گېرمانىيەنىڭ كۆپ تىراژلىق گېزىتلىرىدىن «ۋاقىت» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتىرناتىپ پارتىيەسى» (AfD) نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزاسىنىڭ گاۋ جيەن ئىسىملىك خىزمەتچىسى بىلەن باشلانغان خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە باشقا دۆلەتتە كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم. خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى دېموكراتىيە ۋە ئىقتىساد بولغان. 26-ئاپرېل كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئىلمىي تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىككى كىشى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2023-يىلىغىچە خىتاي تەرەپنى ئۇچۇر ۋە ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن ئىكەن. ئوخشاش گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېخى بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا بىر خىتاي خاككېرى گېرمانىيەدىكى خىتايغا قارشى بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئېلخەت ئادرېسىنى ئېچىشقا ئۇرۇنغان.

گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن «گېرمانىيە ئىككىنچى تېلېۋىزىيەسى» تارقاتقان «خىتاي جاسۇسلىرى قولغا ئېلىندى» ناملىق 35 مىنۇتلۇق مەخسۇس پىروگراممىغا قارىغاندا، يېقىندا يەنە دۈسسېلدورفتىكى بىر شەخسى شىركەتتە ئىشلەيدىغان 3 كىشى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش گۇناھى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ ھىمايىسىدىكى بىر شەخسى شىركەت، دۈسسېلدورف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىر بۆلۈمىدىن قولغا چۈشۈرگەن بىر قىسىم تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى خىتاي تەرەپكە تەمىنلىگەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ھەمكارلىقى باھانىسى بىلەن گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ۋە مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى قولغا كىرگۈزۈشى، بۇ دۆلەتتە تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن ۋەقە ئەمەس. 2009-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە بىرلىكتە مەبلەغ سالغان ئوپتىكا كۇئانتۇم ھېسابلاش ماشىنىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر چوڭ تۈرگە مەسئۇل بولغان خىتاي پىروفېسسور ۋېي پەنجيەن (Wei Panjian)، گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن ھايدېلبېرگ (Heidelberg) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇئانتۇم فىزىكا تەجرىبىخانىسىنى  خىزمەتچىلىرى بىلەن قوشۇپ خىتاي بىلىم ۋە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كۆچۈرۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ گېرمانىيەدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئادەملىرىنىڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فىزەر (Nanci Faeser) خانىم گېرمانىيەدىكى خىتاي ئىشپىيونلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى خىتاي تەتقىقاتچىلاردىن باشقا يەنە گېرمانىيەدە 40 مىڭغا يېقىن خىتاي ئوقۇغۇچى بار. بۇلار ئۆز ئارىلىرىدا گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئالاقە تورىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئۇچۇر يەتكۈزۈش بۇيرۇلغان.»

ئۇنداقتا، گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي جاسۇسلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەھدىتلەرنى ۋە زىيانلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؟

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى تىزگىنلەش ۋە كۆزىتىش مەقسىتىدە 1995-يىلى ميۇنخېن كونسۇلخانىسىنى قۇرغانلىقى بۇنىڭ بىر دەلىلى. 2010-يىلى ئەتراپىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، دەلىل سۈپىتىدە بىر يۈرۈش ئويدۇرما ھۆججەتلەرنى ۋە مەخسۇس ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملارنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنغان، شۇنداقلا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى دەرھال تاقاش ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا قىزىقىش يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن كۆلىمى كىچىكلىگەن، ئوقۇغۇچىسى ئازايغان، ھەتتا بىر قىسمى تاقىلىپ قېلىش دەرىجىسىگە يەتكەن گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى خىتايشۇناسلىق بۆلۈملىرىنى ئادەم كۈچى ۋە زور مىقداردىكى ئىقتىساد بىلەن مەقسەتلىك يۆلەپ كۈچلەندۈرگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر بىر ئۇنىۋېرسىتېت بار شەھەرگە بىردىن كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن. خىتايشۇناسلىق بۆلۈملىرىنىڭ 1-يىلىنى تۈگەتكەن گېرمان ئوقۇغۇچىلىرىغا تىل پىراكتىكىسى باھانىسىدە خىتايغا بېرىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە باغلىۋېلىش ھەمدە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش تاكتىكىسىنى باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەت ۋە ئالاقە دائىرىسىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تىزگىنلىگەن.

خىتاي بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، بىر قىسىم تونۇلغان تەتقىقاتچى ۋە پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسورلارغىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ گېرمانىيەدىكى ئىلىم ۋە سىياسەت ساھەسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق كىشىلەرنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇنداق كىشىلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە خىتاي كۈتكەندەكلا خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلارغا بەرگەن خاتا ئۇچۇر ۋە مەسلىھەتلىرى بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە توغرا ۋە كەسكىن قارار چىقىرىشىغا توسالغۇ بولۇپ كەلگەن. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بائېربوك (Annalena Baerbock)  خانىمنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا خىتاي بىلەن مۇرەسسەسىز ئېلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن باشقا، باشقا سىياسىي پارتىيەلەر ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ بۇ مۇھىم مەسىلىلىرىنى سودا توختاملىرىنىڭ ئەھۋالىغا، خىتاي دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ رەسمىيەت يۈزىسىدىن تىلغا ئېلىپ قويۇشقا تېگىشلىك ئىش دەپ قاراپ قېلىشىغا ئەلۋەتتە ئەنە شۇ يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلمىغان خىتايغا مايىل مەسلىھەتلىرى سەۋەبچى بولغان ۋە بولماقتا.

گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى، شۇنداقلا بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانلىرىدىن بولماقتا. بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاز ساندىكى بىر قىسمى خىتاينىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن قايمۇقتۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلاردىن يىراق  تۇرۇش، ھەتتا ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆزلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش يوللىرىنى تاللىۋالغان.

گېرمانىيەدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «تەتقىقاتچى» ياكى «ئوقۇغۇچى» قىياپىتىدە ھەر قايسى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئارخىپلىرى ساقلىنىۋاتقان ئورۇنلارغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاپ ياكى سېتىۋېلىپ خىتايغا ئېلىپ كېتىش ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بەرگەن.

قارىغاندا ئەمدى خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلۈۋاتقان چېكىنىش ۋە قىزىل رەقەملەر، خىتاي كارخانىلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ ئۆزىنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرى ۋە تۈزگەن توختاملىرىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىشقا مەجبۇر بولىدىغان بىر ۋاقىت كەلگەندەك قىلىدۇ!… بۇ رېئاللىق بىزگە مىلادىيە 731-يىلى كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشىغا مەڭگۈلۈك قىلىپ ئويۇۋېتىلگەن خىتاي ھەققىدىكى نەسىھەتلەرنى ئېسىمىزگە سالىدۇ: «تاۋغاچ خەلقىنىڭ سۆزلىرى تاتلىق، يىپەكلىرى يۇمشاقمىش؛ ئۇلار شۇنداق تاتلىق سۆز ۋە يۇمشاق يىپەكلىرى بىلەن يىراقتىكى خەلقلەرنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرارمىش؛ باشقىلار ئۇلارغا يېقىنلاشقان ھامان يامان نىيىتىنى ئاشكارىلارمىش، ئۇلار ئاقىل ۋە باتۇر كىشىلەرگە يول بەرمەسمىش…»

ئارىدىن 1293 يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ خاراكتېرى ئەسلا ئۆزگەرگەن ئەمەس. ئەگەر گېرمانىيە تېخىمۇ كۆپ زىياننىڭ ئالدىنى ئالىمەن دېسە، ئۇ ۋاقىتتا خىتايدىن دەرھال يىراقلىشىشى ۋە كۆرۈلگەن مەسىلىنى خىتايغا باغلىنىپ تۇرۇپ ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشى كېرەك. گېرمانىيە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىدىن ساۋاق ئېلىپ، خىتاي بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىدە خىتاينىڭ «تاتلىق سۆزلىرى بىلەن يۇمشاق يىپەكلىرى» گە ئالدانماسلىقى، خۇددى گېرمان پارلامېنت بىناسىغا ئويۇلغان «ھەممە گېرمانىيە ئۈچۈن» دېگەن ئالتۇن خەتلەرگە ئوخشاش گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ۋە ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمان پۇقرالىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشى، شۇنداقلا ئۆز تەۋەلىكىدىكى گېرمانىيەنى «ئىككىنچى ۋەتىنىم» دەپ بىلىدىغان ئۇيغۇر جامائىتىگە ھەقىقىي ئىگە چىقىشى كېرەك!

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
DeepSeek-suniy-eqil-1920
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.