ھىندىستان-خىتاي سۇ بايلىقى توقۇنۇشى: براھماپۇترادىكى توسمىلار

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2025.02.03
IndiaChina-hindistan-xitay-su-tosma-1920 خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي ھالدا قارار ماقۇللاپ، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مېدوگ (Medog) ناھىيەسىدە غايەت زور سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان
Photo: RFA

ھىندىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئېگىز-پەسلىك يېقىنقى مەزگىللەردە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ 137 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىش بەدىلىگە تىبەت رايونىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرماقچى بولۇشى، خىتاي باشقۇرۇشىدىكى ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ «قۇدرىتى» سۈپىتىدە كەڭ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى.

بۇ قانداق قۇرۇلۇش؟

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2024-يىلى 27-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي ھالدا قارار ماقۇللاپ، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مېدوگ (Medog) ناھىيەسىدە غايەت زور سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «14-بەش يىللىق پىلان» نىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن بولغان مەزكۇر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى خىتايلار «يارلۇڭ زاڭبۇ دەرياسى» دەپ ئاتايدىغان دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈپ چىققاندا يىلىغا 300 مىليارد كىلوۋات توك ھاسىل قىلىپ، ئاز دېگەندىمۇ 300 مىليون ئائىلىنىڭ توك ئېھتىياجىدىن چىقىدىكەن. بۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا كېتىدىغان خىراجەتنىڭ  بىر تىرىللىيون سوم (تەخمىنەن 137 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) قىممىتىدە بولۇشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتايدىكى «سەنشيا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى» غا سەرپ قىلىنغان قۇرۇلۇش خىراجىتىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن.

يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ مەنبەسى تىبەت ئېگىزلىكىدىكى مۇزلۇق تاغ چوققىلىرى بولۇپ، بۇ دەريا ھىندىستان ۋە باڭلادېشقا ئېقىپ كىرگەندىن باشلاپ «براھماپۇترا دەرياسى» ياكى «جامۇنا دەرياسى» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتىۋالغان ھەمدە ئىزچىل تۈردە «خىتاي تېررىتورىيەسى» دەپ دەۋا قىلىۋاتقان، ئەمما ھىندىستان ھۆكۈمىتى 1987-يىلى ھىندىستاننىڭ بىر ئۆلكىسى، دەپ ئېلان قىلغان ئارۇناچال (Arunachal) ئۆلكىسىگە يېقىنلا جايغا سېلىنىشى ئالدى بىلەن ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان.

تىبەتنىڭ شەننەن ناھىيەسىگە جايلاشقان زاڭمۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توسمىسى. 2014-يىلى 23-نويابىر، تىبەت
تىبەتنىڭ شەننەن ناھىيەسىگە جايلاشقان زاڭمۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توسمىسى. 2014-يىلى 23-نويابىر، تىبەت
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى قارارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا كېرەكلىك مەبلەغنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقى، قايسى شىركەتنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قاچان باشلىنىپ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقى، بۇ جەرياندا قانچىلىك نوپۇسنىڭ ئەسلى ماكانىدىن كۆچۈرۈلىدىغانلىقى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى تا ھازىرغىچە ئېلان قىلمىغان. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتا «سەنشيا قۇرۇلۇشى» باشلانغاندا ئاز دېگەندىمۇ بىر يېرىم مىليون خىتاي ئاھالىسىنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكى، كۆلەم جەھەتتە ئۇنىڭدىن تۆت ھەسسە زور بولغان بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يەرلىك ئاھالىلەر، مۇھىت ۋە خەلقئارا تالاش-تارتىشلارنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە زور بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ھىندىستاننىڭ ئەندىشىلىرى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھىندىستان تەرەپ بۇنىڭغا تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى راندىر جايسۋال (Randhir Jaiswal) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، «بۇ غايەت زور قۇرۇلۇشنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى قويۇپ تۇرساقمۇ، ئۇنىڭ ئېكولوگىيە جەھەتتىكى تەسىرىلا بىزنى تەشۋىشكە سالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى دۆلەتلەرنى نەزەرگە ئالمىغان» دېگەن.

تېخىمۇ مۇھىمى، مەزكۇر سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنىڭ تىبەت ئېگىزلىكىدىكى يەر تەۋرەش بەلبېغىدا بولغانلىقى، بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈپ چىققاندىن كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان غايەت زور كەلكۈن ئاپىتى دېگەنلەر بۇ خىل ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ھالبۇكى، ھىندىستان تەرەپ ئەندىشە قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەر ئەمەس، ئەكسىچە ئىستراتېگىيەگە مەنسۇپ مەسىلىلەر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. «ئەل جەزىرە» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتى سالماقچى بولغان مېدوگ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ھىندىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىدىغان ئەڭ ئاكتىپ ئامىللاردىن بىرى، دەپ قارىغان. «ئاشوكا» (Ashoka) ئاقىللار مەركىزى ھىندىستان شۆبىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، سۇ ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى  ۋىشۋاناس سرىكانتايا (Vishwanath Srikantaiah) بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھىندىستان ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەندىشىلەرگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ:

«يارلوڭ زاڭبو دەرياسىنىڭ تىبەتتىكى قىسمىدا غايەت زور سۇ توسمىسى سېلىش ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ھىندىستان ۋە باڭلادېش تەرەپ بۇنىڭدىن تەشۋىشكە چۈشتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىشى، شۇنىڭدەك كېيىنچە ‹كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىشى› تۈپەيلىدىن براھماپۇترا دەرياسىنىڭ ئېقىم مىقدارىغا، شۇنىڭدەك بۇ دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇنداق ئىشلاردا ‹خېلسنكى ئەھدىنامىسى› ۋە ‹بېرلىن نىزامى› غا ئاساسەن قۇرۇلۇش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاشۇ قۇرۇلۇش تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان دۆلەتلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىدۇ. ئەمما خىتاي بۇ ئىشتا ئۇنداق قىلىپ باقمىدى. دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە ھىندىستان ۋە باڭلادېش بۇنىڭغا قارىتا ھېچ نەرسە قىلالمايدۇ. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھىندىستانغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ئىككى دۆلەت بۇ مەسىلىدە ئوبدانراق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك. شۇندىلا بۇنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش مۇمكىن بولىدۇ.»

براھماپۇترا دەرياسى خىتاي تەۋەسىدىكى باشقا دەريالاردەك غەربتىن شەرققە ئاقىدىغان بولۇپ، مېدوگ تەۋەسىدە بۇ دەريا «U» ھەرپى شەكلىدە جەنۇبقا بۇرۇلۇپ ئۇدۇللا ھىندىستان ۋە باڭلادېش تەۋەسىگە ئاقىدۇ. يېڭى دېھلىدىكى «جامىيە مىللىيە ئىسلامىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پىروفېسسورى ساھىلى چاتتاراج (Saheli Chattaraj) بۇ مەسىلە ھەققىدە «ئەل جەزىرە» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «شۈبھىسىزكى، خىتاي بۇ دەريادا توسما ياسىغاندا سۇ مىقدارىنى كونترول قىلالايدۇ ھەمدە خالىغاندا ھىندىستاننى سۇغا غەرق قىلىۋېتىشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇۋالىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئالدى بىلەن توسما قۇرۇپ زور سۇ ئامبىرى ياسايدىغان بولغاچقا بۇ سۇنى خالىغان ۋاقىتتا قورال سۈپىتىدە قوللانغىلى بولىدۇ.

 دەل مۇشۇنداق بىر ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ تېزدىن قارار ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرماقچى بولغان جايغا ئانچە يىراق بولمىغان ئارۇناچال ئۆلكىسىدە توسما سېلىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق كەلگۈسى «سۇ ئۇرۇشى» نىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى پىلان قىلغان. ئەمما بۇ قۇرۇلۇشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە غايەت زور ساندا ئاھالە كۆچۈرۈش ۋە باشقا ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەرگە بېرىپ چېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ ئەتراپتىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ تەشۋىشى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يارلوڭ زاڭبو دەرياسىغا غايەت زور سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرماقچى بولۇشى ھەققىدىكى خەۋەر مەلۇم بولغاندىن كېيىن، بىر قىسىم خىتايلار تورلاردا ئۇچۇر يوللاپ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە «غەربتىن شەپە بېرىپ شەرققە ھۇجۇم قىلىش» نامىدىكى ھىيلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە يىللاردىن بۇيان مۇنازىرە قىلىنىپ كېلىۋاتقان «تىبەتنىڭ سۈيىنى شىنجاڭغا باشلاش» قۇرۇلۇشى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. دەرۋەقە خىتايدىكى ھۆكۈمەت بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولغان تور بەتلەردىن «سىنا» (Sina) تورى 2018-يىلى 13-سېنتەبىردە «تىبەتنىڭ سۈيىنى شىنجاڭغا باشلاش» قۇرۇلۇشىنىڭ «قىزىل بايراق دەرياسى» نامىدا رەسمىي باشلانغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ خىلدىكى گەپ-سۆزلەرنىڭ «پىتنە ئىغۋا» دەپ قارالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

بۇ غايەت زور قۇرۇلۇش ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ تارقالغاندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى 2024-يىلى 9-ماي كۈنى قىزىل باشلىق ھۆججەت ئارقىلىق «تىبەتنىڭ سۈيىنى شىنجاڭغا باشلاش» قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنىڭ پىتنە-ئىغۋا ئىكەنلىكىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق ھۆججىتى بارلىقىنى، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ مۇشۇنداق بىر قۇرۇلۇش نامىدا ئىش بېجىرىشى قانۇنسىزلىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. تىبەت ۋە چىڭخەيدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەرمۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ «تىبەتنىڭ سۈيىنى شىنجاڭغا باشلاش» نامىدىكى ھېچقانداق قۇرۇلۇشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور ۋە پىرىنسىپاللىق مەسىلىلەردە ھەرقاچان يالغان ئېيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ مەسىلە ھەققىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «تىبەتنىڭ سۈيىنى شىنجاڭغا باشلاش» نامىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ مەۋجۇتلۇق ئېھتىمالىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، تاجىسىمان ۋىرۇسى (كوۋىد) يېڭى تارقالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى بىردەك «پىتنە-ئىغۋا» دەپ ئىنكار قىلغان. ئەمما كېيىنچە بۇنى يوشۇرۇشقا ئىلاج قىلالماي ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ پىكرىچە، ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى «تىبەتنىڭ سۈيىنى شىنجاڭغا باشلاش» تەك بىر قۇرۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا بۇ ھال ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پۈتۈن مىللەت بويىچە ھالاك بولۇشتەك قورقۇنچلۇق بىر رېئاللىقنى ئىپادە قىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر مېدوگ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا دائىر كونكرېت مەلۇماتلارنى ئېلان قىلمىغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى تەلەپلەرنى جاۋابسىز قالدۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە يانداشقان كۆپلىگەن گۇمانلار داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.