بىل گېرتز: «دۇنيا ئويغىنىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بىردەك قارشى تۇرۇشى كېرەك!»
2023.10.18

يېقىندا كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ لوس-ئانژېلىس شەھىرىدە «يېڭى ئېرا قۇرۇلۇشى» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «ئەنئەنە ۋە ئائىلە: ساغلام، مۇقىم ۋە كۈچلۈك ئامېرىكا بەرپا قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قىممەت قاراشلار» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. بۇ پائالىيەتكە يەنە «ئالەمنى ئالداش: كوممۇنىست خىتاينىڭ يەر شارىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە ئايلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىچكىي ئۇرۇنۇشلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى بىل گېرتز (Bill Gertz) ئەپەندىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا «ساغلام، مۇقىم ۋە كۈچلۈك ئامېرىكا بەرپا قىلىش» ھەققىدىكى تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغاندىن سىرت يەنە خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسىتى ۋە جىنايى قىلمىشلىرى توغرىسىدىمۇ مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.
دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق تېمىلار ھەققىدە ئاڭلارمەنلەرگە ئۇچۇر بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەملىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا قانداق قىلغاندا ئامېرىكا قىممەت قاراشلىرىدىكى پاسسىپ يۈزلىنىشلەرنى توسۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئامېرىكانىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دېموكراتىك دۇنياغا نەمۇنە بولغان ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىغا قايتىش؛ ئامېرىكانى يېڭىباشتىن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە يېتەكچى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش توغرىلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر يىغىندا يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداق قىلىپ ئامېرىكادا ئۆز تەشۋىقاتى ۋە كوممۇنىزم مەپكۇرىسىنى تارقىتىۋاتقانلىقى، ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشىنى ئۆزگەرتىپ ئۇنى ناچار تەرەپكە يۆنلەندۈرۈۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان.
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا «يېڭى ئېرا قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى، لوس-ئانژېلىستىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن بولۇپ، نۇرغۇن كىشى قاتناشقان. مەلۇم بولۇشىچە، «يېڭى ئېرا قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئامېرىكانىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىنى ياقلايدىغان ھەمدە ئۇلارنى قوغداپ، ئامېرىكانى بۇرۇنقى قىياپىتىگە قايتۇرۇپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. «ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتى» نىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە ئالاھىدە مۇخبىرى بىل گىرتىس (Bill Gertz)، بۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى باشقا ئەللەرگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتلىرى ئۈستىدە سۆز قىلغان. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىل گىرتىس ئەپەندى رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇنياغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى دېدى.
«ھازىر خىتاينىڭ ئامېرىكاغا شەكىللەندۈرۈۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىتى، ئۇچۇر ياكى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى تەھدىتتۇر. خىتاي نۆۋەتتە ئامېرىكانى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئاخىرىدا ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن، كەڭ كۆلەملىك خاتا ئۇچۇر يېيىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي ئامېرىكانى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن دۇنيا كاپىتالىزمنىڭ رەھبىرى دەپ قارايدۇ. شۇڭا خىتاي ھاكىمىيىتى، بولۇپمۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسى ئارقىلىق دۇنيانى يېتەكلەش مەقسىتىگە يېتىش ئۇرۇنۇشىنى ئاشكارىلىماقتا. خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە دېموكراتىك دۇنياغا شەكىللەندۈرۈۋاتقان يەنە بىر تەھدىتى، ئۇنىڭ ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان يادرو قوراللىرى تەھدىتىدۇر. خىتاينىڭ نۆۋەتتە جىددىي رەۋىشتە كېڭىيىۋاتقان يادرو قوراللىرى كۈچىگە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي قارا نىيىتى يوشۇرۇنغان. چۈنكى خىتاي ئۆزىنىڭ يادرو قوراللىرى كۈچىنى ئامېرىكانى قىستاش ۋە مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر تەيۋەندە توقۇنۇش يۈز بەرسە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئامېرىكانىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ يادرو كۈچى بىلەن ئامېرىكاغا تەھدىت سېلىشى مۇمكىن.»
بىل گېرتز ئەپەندى يەنە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ، پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنى خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بىردەك قارشى تۇرۇشقا چاقىردى:
«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يوقىتىش غەرىزى بار. شۇ سەۋەبىدىن نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوللىنىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا پەقەتلا خىتايلارنى مەركەز قىلغان مىللىي دۆلەت بەرپا قىلىش ئويى، ئۇنىڭدا خىتاي مىللەتچىلىكى ياكى خىتاي ئىرقچىلىق قارىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. مېنىڭچە، دۇنيا بۇنىڭدىن ئويغىنىشى كېرەك، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك.»
دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ قېتىملىق يىغىندا 2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر قىسىم پاجىئەلەرنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن يىغىن ئەھلىگە ئاڭلاتقان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسىتى ۋە جىنايى قىلمىشلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان پاجىئەلەرنى ئاڭلىغان كىشىلەر كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.