غەرب ئەللىرى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟
2022.12.13
11-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇھە شەھىرىدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» ۋە «خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلاتلار بېرىلگەن. كارلسرۇھە شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىننى 14 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا شەھەر باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەربابلىرىمۇ قاتناشقان. يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.
ئالدىنقى بىر ھەپتىدە شۋېتسارىيە ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتكەن. شۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئاندېلى مەمەتكەرىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10-دېكابىر كۈنى زۇرىك شەھىرىدىكى ئاسىيا مەدەنىيەت مەركىزىدە «غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىنغا لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي بىلەن «تاجدار گۇۋاھچى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ئالىكساندېر كاۋىلىيۇس خانىملار تەكلىپ قىلىنغان. شۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھەبىبۇللانىڭ بايان قىلىشىچە، يىغىنغا بىر قىسىم ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى، يازغۇچىلار ۋە سىياسىيونلار قاتناشقان.
مەركىزى زۇرىك شەھىرىدىكى ئاسىيا مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دانىيال شىرەينېر ئەپەندى بۇ يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يىغىندا ئاساسلىق كۈنتەرتىپنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز شۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە يازغۇچى ئالىكساندېر كاۋىلىيۇسنى تەكلىپ قىلىپ شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇ يىغىن 10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى ھەمدە لوندون ئۇيغۇر سوتى ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنى چىقارغان 9-دېكابىر ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى› نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلدى. لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە يازغۇچى ئالىكساندېر كاۋىلىيۇسلار يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەردى. مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تەن جازاسى، ئۆلۈم قاتارلىقلار. پاكىتلار ۋە شاھىتلارنىڭ بايانلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى يورۇتۇپ بەردى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش لازىم».
شىۋېتسىيەدىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، يىغىندا ئۆزىنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەندىن باشقا، «غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟ نېمە قىلالايدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشقانلىقىنى ھەمدە شۋېتسارىيەنىڭ داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.