ژۇرنالىست كائورى :خىتاي ساقچىلىرى مېنى «ئۇيغۇر» دەپ گۇمانلىنىپ قولغا ئالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013.11.08
ژۇرنالىست كائورى :خىتاي ساقچىلىرى مېنى «ئۇيغۇر» دەپ گۇمانلىنىپ قولغا ئالدى ياپونىيە تاكاراجىما نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «خىتاي دۇنيانىڭ نەپرىتىگە ئۇچىرىماقتا» ناملىق ژۇرنالدا ياپونىيىلىك ژۇرنالىست فۇكۇشىما كائورى خانىمنىڭ «ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش ئىنقىلابى قايتا باشلاندى» سەرلەۋھىلىك زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان.
Photo: RFA

ياپونىيە تاكاراجىما نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «خىتاي دۇنيانىڭ نەپرىتىگە ئۇچىرىماقتا» ناملىق ژۇرنالدا ياپونىيىلىك ژۇرنالىست فۇكۇشىما كائورى خانىمنىڭ «ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش ئىنقىلابى قايتا باشلاندى» سەرلەۋھىلىك زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان.


مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىدە ياپونىيىلىك ژۇرنالىست كائورى خانىم بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خىتاينىڭ سانائەت مەركەزلىرىدىن بىرى دەپ قارالغان شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، چىپېڭ ۋىلايىتىدە تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر» دەپ گۇمانلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن ئىبارەت ۋەقەلىكنى بايان قىلغان.


زىيارەت خاتىرىسىدە خىتايدىكى بىر قەدەر كۆلىمى زور قەغەز، ئاليومىن زاۋۇتلىرى، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە چوڭ تىپتىكى خىمىيە زاۋۇتلىرىنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىپېڭ ۋىلايىتىگە جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىن «بۇ ئۆلكىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر بولغان» دەپ كۆرسىتىلگەن.


ژۇرنالىست كائورى خانىم زىيارەت خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ تاكسىدا ئولتۇرۇپ كېتىۋېتىپ يول بويىدىكى بىر قىسىم زاۋۇتلارنى سۈرەتكە تارتقانلىقىنى، توساتتىن تاكسى چىپېڭ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى تۆت كوچا دوقمۇشىدا قىزىل چىراقنىڭ ئالدىدا توختىغاندا، ئۇشتۇمتۇت ئىز قوغلاپ كېلىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلىدىن سەكرەپ چۈشكەن ساقچى كائورى خانىم ئولتۇرغان تاكسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ قاتتىق ئاۋازدا « سەن نېمە ئۈچۈن زاۋۇتلارنى سۈرەتكە تارتىسەن؟» دەپ خىتاي تىلىدا ۋاقىرىغان. كائورى خانىم بولسا قەستەن ياپون تىلىدا «مەن خىتاي تىلى بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ ياپون تىلىدا بەرگەن جاۋابىدىن ئۇنىڭ ياپونىيىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ساقچىنىڭ چىرايلىرى ئۆڭۈپ «سەن ئۇيغۇر» دەپ يەنە ۋاقىراپ، دەرھال ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئايالنى تۇتۇۋالغانلىقىنى، بۇ ئايالنىڭ زاۋۇتلارنى سۈرەتكە تارتىپ، گۇمانلىق ھەرىكەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىنى بىلدۈرگەن.


كائورى خانىم ساقچىنىڭ ئۆزى ھەققىدە ساقچىخانىغا مەلۇم قىلغان سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ سۆزلەرگە تولىمۇ ھەيران بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: مېنىڭ چىراي شەكلىم،چىرايلىق كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىدىن تولىمۇ پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يۈز شەكلىگە مېنىڭ يۈز شەكلىم تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بۇ ساقچى نېمە ئۈچۈن مېنى ئۇيغۇر دەپ قالغاندۇ؟ بەلكىم مەن ياپون تىلىدا ئۇنىڭ مەندىن سورىغان سوئاللىرىغا «مەن خىتايچە بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەندە، ياپون تىلىنىڭ تاۋۇشى ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئۇيغۇر تىلىدەك ئاڭلىنىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدىم. كېيىن بىلسەم، شۇ كۈنى 4 - ئىيۇل كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ساقچىلار ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.


ژۇرنالىست كائورى خانىم زىيارەت خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن تولىمۇ يىراق بولغان شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئۆزىدەك ياپونىيىلىك بىر ساياھەتچىنىڭ «ئۇيغۇر» دەپ گۇمانلىنىپ قولغا ئېلىنىشىنىڭ ئۆزى تولىمۇ غەلىتە بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.


زىيارەت خاتىرىسىدە كائورى خانىم ساقچىلارنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە تاكسى شوپۇرىنى ياللاپ بىر مېھمانخانىغا ئېلىپ بارغانلىقىنى، مېھمانخانىدا ئىككى سائەتكە يېقىن سوئال - سوراق قىلىنىپ،ئاخىرى ئۆزىنىڭ ياپونىيىلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلغان.


ژۇرنالىست كائورى خانىم زىيارەت خاتىرىسىدە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى بايان قىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: ئەگەر مەن زاۋۇتلارنى سۈرەتكە تارتىۋاتقان چېغىمدا ھەقىقەتەن ئۇيغۇر بولغان بولسام، ساقچىلار مېنى زاۋۇتتا تېررورلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، دەپ ماڭا تېررورلۇق جىنايەت قالپىقىنى كىيگۈزۈپ،مېنى «تېررورچى» دەپ ئاتىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار ساياھەت ئورۇنلىرىنى، سودا مەركەزلىرىنى، ئايرودروملارنى شۇنداقلا ھەرقانداق يەرنى سۈرەتكە تارتسا ئىشىنىمەنكى، چوقۇم ئۇلار «تېررورچى» دەپ قولغا ئېلىنىدۇ. ئەگەر مەن شۇ تاپتا ئۇيغۇر بولغان بولسام، مېنى قانداق بالايى - قازالار كۈتۈپ تۇرغان بولغىيتى!؟ مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى گويا ئۇرۇش ھالىتىدىكى شەھەرگە ئوخشايدىكەن، ئۇ يەردە مەدەنىيەت ئىنقىلابى بولۇۋاتقاندەك ئادەتتىن تاشقىرى بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن ۋە بۇ ئىشتىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەققىدە ئېيتىلىۋاتقان سۆزلەر رىۋايەت ئەمەس، بەلكى بىر ھەقىقەتكەن.


زىيارەت خاتىرىسىدىكى «شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتى ئىش باشلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تېخىمۇ كۈچەيتىلدى» دېگەن ماۋزۇدا 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ تۆت يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرىگەن بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كوچا - كوچىلارغا ساقچى، قوراللىق ساقچى، ئادەتتىكى ئامانلىق قوغداش خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ دائىم دېگۈدەك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرلىرىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.


كائورى خانىم زىيارەت خاتىرىسىدىكى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا توقۇنۇش داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ» دېگەن تىمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2012 - يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغا قەدەر يۈز بەرگەن، «مارالبېشى سېرىق بۇيا ۋەقەسى»، «لۈكچۈن ۋەقەسى»، «قاراقاش ۋەقەسى» ۋە «قاغىلىق ۋەقەسى» قاتارلىق بىر يۈرۈش ۋەقەلەر ئۈستىدە ئىنچىلىك بىلەن ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارغان.


ژۇرنالىست كائورى خانىمنىڭ زىيارەت خاتىرىسىدىكى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدۇ» دېگەن تېمىدىكى مۇلاھىزىسىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئىسلام دىنى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلەردە ئەركىن ناماز ئوقۇشى، ئەركەكلەرنىڭ ساقال - بۇرۇت قويۇشى، خانىم - قىزلارنىڭ روپاش ئارتىش، ياغلىق چېگىشىدىن ئىبارەت دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەنلىكىنى، ھەتتا ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ پىچاق ئېسىشىمۇ «يەرلىك قانۇنغا خىلاپ» دەپ چەكلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىش - ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.


ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساتو خانىم مەزكۇر ماقالە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

- فۇكۇشىما كائورى خانىمنىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ماقالىدە ئېيتىلغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ باستۇرۇشىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.