0:00 / 0:00
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابى ۋە سىياسىي ئانالىزچى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بۈگۈن مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى داۋامىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زامانىۋىي مەدەنىيەت تەشەببۇسى ۋە ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقان كىچىك ئالما ئۇسۇلى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زامانىۋىي مەدەنىيەتتىن سۆز ئېچىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە، دىنىي زاتلارنى ئۇسۇلغا سېلىشنى «ئۇيغۇرلار ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ھاقارەت» دېدى.
خىتاينىڭ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە دىنىي زاتلارغا قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، نۆۋەتتە دىنىي زاتلارنى كىچىك ئالما ئۇسۇلىغا سېلىشنى، ئۆلۈم جازاسىدىنمۇ ئېغىر جازا دەپ شەرھىلىدى.