ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر: خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بايدا ئانا ۋە بالىلارنى پەرقلەندۈرمىدى، يەنە ئىنسانىي قېلىپتىن چىقتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.11.24
ilshat-hesen-nury-turkel.jpg ئادۋوكات نۇرى تۈركەل(سولدا) ۋە سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى .
Photo: RFA

باي كۆمۈركان ھۇجۇمى ھەققىدە يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە 3-قېتىم خەۋەر بەرگەن خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئاختۇرۇش مەشغۇلاتىنىڭ 56-كۈنىدە 28 گۇماندارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما گۇماندارلار ئارىسىدىكى ئانا ۋە بالىلار ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئەمما خىتاينىڭ خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى رادىئومىز ئېلان قىلغان ئىزدىلىۋاتقان گۇماندارلار ئارىسىدا ئاز دېگەندە 7 نەپەر ئانا ۋە بالىلارنىڭمۇ بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ چىنلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان مەلۇماتمۇ بېرىلمىدى.

بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندى، خىتاينىڭ گۇماندارلار ئارىسىدىكى ئانا ۋە بالىلارنى ئامان قويماسلىقىنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىق دەپ ئەيىبلىسە، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بۇ ھەربىي ئىجرائاتنىڭ «قانۇندىن ئېغىز ئېچىشقا بولمايدىغان، بىر قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.