يالغۇز كارانتىن قىلىشلا بىزنى يۇقۇملىنىشتىن ساقلاپ قالالامدۇ؟

0:00 / 0:00

بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن پۈتۈن دۇنياغا تارالغان ۋابا يەنى كرونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك دۆلەتلەر ئارقا ئارقىدىن كۈچلۈك جىددىي ھالەت كارانتىن تەدبىرلىرىنى ئالماقتا.

بۇ ئاز كۆرۈلىدىغان كەڭ كۆلەملىك ۋىرۇس تارقىلىش ھادىسىسىگە قارىتا ئىنسانلاردا پەرقلىق قايمۇقۇش ۋە ئەندىشىلەر ھۆكۈم سۈرمەكتە. يۇقۇملانغانلىقنى نېمىلەرگە ئاساسەن جەزم قىلىشقا بولىدۇ؟ خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ۋىرۇس يۇقۇم تەكشۈرتۈشى قىلدۇرۇش زۆرۈرمۇ؟ يۇقۇملانغان ھامان نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟

بۇ كېسەلنىڭ ۋاكسىنىسى چىقتىمۇ؟ يۇقۇمدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ زۆرۈر بولغان تەدبىرلىرى نېمە؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىمەكتە.

ئۇنداقتا يۇقىرىقى سوئاللارنى مۇۋاپىق جاۋابىنى ئېلىشقا قىزىقسىڭىز، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىز.