خىتاي ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىپ ياۋروپا سانائىتىنى «يەپ كېتىپ» بارامدۇ؟
2024.09.18
خىتاينىڭ شېئىن ۋە تېمۇ ئارقىلىق قىلىۋاتقان تور سودىسىنىڭ ياۋروپا شىركەتلىرىنى ئېغىر ئەھۋالدا قويۇۋاتقانلىقى ئۇزۇندىن بۇيان مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ جەھەتتە تېخى كەسكىن بىر قارار ئالالمىغان ئىدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا تۆكمە قىلىنىشى ياۋروپا ئاپتوموبىل سانائىتىگىمۇ ئېغىر خىرىس پەيدا قىلدى. خىتايدىن كۈنىگە 400 مىڭ خالتا تاۋار كىرىۋاتقان گېرمانىيەدە نۇرغۇنلىغان سودا سارايلىرى تاقىلىپلا قالماي، خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق توكلۇق ئاپتوموبىللىرى بىلەن بولغان رىقابەتكە بەرداشلىق بېرەلمەي، گېرمانىيەدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىمۇ تاقىلىشقا باشلىدى.
ئالدىنقى ھەپتە ۋولكىسۋاگېن گېرمانىيەدىكى بىر زاۋۇتىنى تاقاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاۋدى ئاپتوموبىل زاۋۇتىمۇ بېلگىيەدىكى بىر زاۋۇتىنى تاقىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن قانچە مىڭلىغان ئىشچى ئىشسىز قېلىپ، نامايىشلار ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. «فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى 18-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «بېلگىيەنىڭ سانائىتى لىڭشىپ قالدى، بىزنى خىتايلار يېۋەتتى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنلىرى بېلگىيەدىمۇ نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان. بېلگىيەدىكى كۆپلىگەن زاۋۇتلار ئارقا-ئارقىدىن تاقىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ كىرىزىسنى خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق تاۋارلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولغاچقا، كىشىلەر «بىزنى خىتايلار يەۋەتتى» دېيىشكەن.
ياۋروپا سانائىتىنى «يەۋېتىپ بارغان» خىتاينىڭ بۇ ئەرزان باھالىق ماللىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇللىرى بولۇپ، نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغان بۇ تاۋارلىرىنى چەكلەشتە ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر قوللىنالماسلىقتەك بۇ بوشاڭلىقى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالماقتا ئىكەن. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
«بېلگىيەنىڭ سانائىتى لىڭشىپ قالدى، بىزنى خىتايلار يەۋەتتى» ناملىق خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 4-ئايدا بېلگىيەنىڭ ئاپتوبۇس زاۋۇتى، 6-ئايدا توقۇمىچىلىق ۋە خىمىيەلىك بۇيۇملار گۇرۇھىنىڭ ئىككى زاۋۇتى، 9-ئايدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شاكىلات زاۋۇتى ھەمدە ئەنئەنىۋى ئەينەك زاۋۇتلىرى ئارقا-ئارقىدىن تاقىلىپ قېلىپ، قانچە 10 مىڭلىغان ئادەم ئىشسىز قالغان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، بېلگىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى باشقا شىركەتلىرىمۇ خىتايغا «يېيىلىپ كېتىش» كە باشلىغان.
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق» دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل سانائىتى گۇرۇھى بولغان ۋولكىسۋاگېن خىتايغا «يېيىلىپ كېتىش» سەۋەبىدىن، ئەسلىدىكى 1-ئورۇندىن ھازىر 3-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. خىتاينىڭ BYD قاتارلىق توكلۇق ئاپتوموبىللىرى 1-ئورۇننى، ئامېرىكانىڭ تېسلا ئاپتوموبىلى 2-ئورۇننى ئىگىلىگەن.