«مەركەزنىڭ ئالاھىدە ياردەم مەبلىغى» يالغانچىلىقى ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى
2025.01.23

15-يانۋار ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش گۇۋاھلىق يىغىنىدا، دونالد ترامپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ سۇنغۇچىسى ماركو رۇبىيو، خىتاينىڭ ئالدامچىلىققا تايىنىپ قۇدرەت تاپقان دۆلەت بولغانلىقىنى، ھەتتا خىتاينىڭ يالغانچىلىقى، دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە كۆز يۇمۇش دەرىجىسىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دېمەك خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانى ئالدىغان، ئالداۋاتقان، ھەتتا ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئالدامچىلىق بىلەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بىردىنبىر دۆلەتتۇر.
دەرۋەقە، خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى قانداق يوشۇرۇۋاتقان بولسا، ئومۇميۈزلۈك نازارەتكە ئېلىنغان ئۇيغۇر خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئوخشاش شەكىلدە يوشۇرماقتا.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» 14-يانۋار «شىنجاڭ 2025-يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ 1 مىليارد 120 مىليون مەخسۇس ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشتى» ناملىق خەۋەرنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ پۇلنىڭ 138 مىليونى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 8 ۋىلايەت-ئوبلاست ۋە 13 ناھىيە-شەھەردىكى 19 «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » تۈرىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ خەۋەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئۇنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلاش تولىمۇ قىيىن. ھەتتا خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » سۆزىنىڭمۇ دىققەتنى قوزغىغۇدەك ھېچ يېرى يوق. ئەمما مەسىلە شۇكى، «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » تەك نامراتلارنى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە قانداق يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىنچىكە ئىزدەنمىگۈچە، بۇ ھەقتە بىرەر مەسىلىنى بايقاش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا بىز بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كېلىنىۋاتقان «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان باغلىنىشى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرەيلى.
«خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » دېگەنلىك، نامراتلارنى بىۋاسىتە ياردەم پۇلى بىلەن بېقىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ئاجرىتىلغان ياردەم پۇلىنى، ئۇلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشتۈرۈشنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ ئەھۋال بەلكى ياۋروپادىكى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يەنى، ياۋروپادا ئەمگەك كۈچىدىن قالغان ياكى ئەمگەك قىلىش ئىمكانى بولمىغانلارغا ھۆكۈمەت مەلۇم نىسبەتتىكى تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بېرىدۇ. ئەمما بۇ پۇلغا ئېرىشكەنلەرمۇ ھەم ئۆز شارائىتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان شەكىلدە پىدائىيلىق خىزمەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. دېمەك، خىتاي ئۈچۈن «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » سىياسىتىنىڭ بۇ خىل خاراكتېرى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنى يوشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدە «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » نىڭ ئاساسلىق نىشانى پۈتۈنلەي «ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەر (建档立卡贫困户) » بولغان. مىسالغا ئالساق، يول ياساش، ئۆستەڭ چېپىش، كۆچەت تىكىش، ئۆي سېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھۆكۈمەتنىڭ «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » مەبلىغى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » گە دائىر مەبلەغلەرنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى، ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە تەقسىم قىلىنغان. تېخىمۇ مۇھىمى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلار نىسبىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلار نىسبىتىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئارخىپى تۇرغۇزۇلغانلارنىڭ سانى خىتاينىڭ 2014-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىسىدا ئۈچ مىليونغا يېقىن بولغانلىقى خاتىرىلەنگەن.
ئەمدى بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئاتالمىش «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى. قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت 2019-يىلى ئېلان قىلغان «ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئىشلەمچىلەرگە ئەمگەك ھەققى بېرىشنىڭ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش قائىدىسى» نىڭ 4-ۋە 7-ماددىلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. يەنى مەزكۇر قائىدىنىڭ 4-ماددىسىدا ئىش ھەققى بېرىلمەيدىغان «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » تۈرى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر، شۇنداقلا، 7-ماددىسىدىكى «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » كە قاتناشقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ، ئومۇمىي مەبلەغ مىقدارىنىڭ 10-20 پىرسەنتىنى ئىگىلىشى، بۇ تۈرلەرگە ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامراتلارنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى مەزمۇنلار دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.
ئالدى بىلەن، «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » دېگەن گەپنىڭ ئۆزى، بۇ تۈرگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەمگەك قىلىپ ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ھەق بېرىلمىگەندە، بۇنى «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » ئەمەس، بەلكى ھەقسىز ئەمگەك ياكى ھاشار دەپ ئاتاشقا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقى «باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش قائىدىسى» نىڭ 4-ماددىسى، «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » تۈرىگە قاتناشقۇچىلارغا ئىش ھەققى بېرىلمەيدىغان ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «پېڭ بەي تورى (澎拜社) » نىڭ 2019-يىلى ئىيۇلدا ئېلان قىلغان «شىنجاڭ پەيزىئاۋات ناھىيەسى: خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش تۈرى ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى» ناملىق خەۋىرىدە ئاتالمىش خىزمەت ئارقىلىق بېرىلىۋاتقان ياردەم پۇلىغا ئالاقىدار بەزى ئۇچۇرلار بېرىلگەن. يەنى خەۋەردە، پەيزىئاۋات ناھىيەسى، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، بۇ تۈرگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ 10 پىرسەنتىدىن تۆۋەن بولماسلىق، ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامراتلارنىڭ ئىش ھەققى بولسا، بۇ تۈرگە ئاجرىتىلغان ئىش ھەققىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن تۆۋەن بولماسلىق بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلغانلىقى دېيىلگەن. بۇ دېگەنلىك، ئەگەر «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » تۈرىدىكى قۇرۇلۇشقا قاتناشقانلار ئارىسىدا ئارخىپى تۇرغۇزۇلغانلار قانچىلىك بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغان ئىش ھەققى ئوخشاشلا، بۇ تۈرگە ئاجرىتىلغان ئومۇمىي ئىش ھەققىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن كۆپ بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر. يەنى، يۈز مىڭ يۈەن ئىش ھەققى بېرىدىغان بىر قۇرۇلۇش تۈرىگە يۈز ئادەم قاتناشقان بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدە 70 ئادەم ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات كىشى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى، 100 مىڭ يۈەننىڭ يېرىمى، يەنى 50 مىڭ يۈەن بولىدۇ. قالغان 30 ئادەممۇ ئوخشاشلا 50 مىڭ يۈەن ئىش ھەققىگە ئېرىشىدۇ.
دەرۋەقە، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامراتلار نىسبىتى ئەڭ كۆپ رايون بولۇش سۈپىتىدە، ئاتالمىش «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » تۈرىگە قاتناشتۇرۇلغان نامراتلار نىسبىتىمۇ بۇ رايوندا يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان بۇ نامرات ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ «خىزمەت ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىش (以工代赈) » كە مۇناسىۋەتلىك قايسى قۇرۇلۇش تۈرىگە قاتناشسۇن، ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغان ئىش ھەققى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئېھتىماللىقى ئاساسەن بولمايدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى «خىزمەتلەر» نىڭ كېلىش مەنبەسى «مەركەزنىڭ ياردەم پۇلى» بولغاچقا، شۇنداقلا بۇ كىشىلەرگە «ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامراتلار» دېگەن تامغا بېسىلغاچقا، ئۇلار ئاسانلا «بويسۇنغۇچى» لارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، خىتاينىڭ نامراتلارنى يۆلەش نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان ۋە قۇل ئىشچى قىلىپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياۋاتقانلىقى ئاشكارا.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش نامىدا ئىچكىرى خىتايدىكى تۈرلۈك زاۋۇتلارغا ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۈەن ھەم باشقا خىتاي زاۋۇتلىرىغا مەجبۇرىي يۆتكەپ ئۇلارنى نورمىدىن ئارتۇق ئىشقا سېلىپ كەلگەنىدى. ئەمما بۇ يەردە بىر نەرسە ئېنىقكى، گەرچە بۇ ئالدامچىلىق خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنى ۋاقىتلىق جىنايى جاۋابكارلىقتىن «ۋاقىتلىق قوغداپ قالغان» بولسىمۇ، ھەتتا ئۇنىڭ يالغانچىلىقى ئۇنى «قۇدرەت تاپقۇزغان» بولسىمۇ، لېكىن ئالدامچىلىقىنىڭ ئاستا-ئاستا ئاشكارىلىنىشى خىتاينى ئۆز يالغانلىرى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقى تەبىئىي!
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]