شى جىنپىڭنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى ئېتىراپ قىلىشىدىكى سەۋەبلەر نېمە؟

0:00 / 0:00

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدىكى بىر يىغىندا «چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇش» قاتارلىقلارنى تىلغا ئالغان. بۇ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىۋى تور مۇنازىرىلىرىدە غۇلغۇلا قوزغىدى.

«خەلق تورى» نىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسىغا قارىغاندا، 28-سېنتەبىردىن 29-سېنتەبىرگىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى» ۋە «6-قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا يەنە «ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش، چوڭ شەھەرلەر ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوينىغا ئېلىش» قاتارلىقلارنى كۆرسەتكەن.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى خاتالىق ۋە بەزى مىللىي مەسىلىلەرنى ئېتىراپ قىلىشىغا قانداق قارايدۇ؟ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە قاراپ چىقىشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟ بۇ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدە ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرەمدۇ؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.